ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    ئايۇپ مەنسۇرى - [سەرخىللار ئارخىپى]

     

         ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان شائىر ئايۇپ مەنسۇرى 1902-يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ 1918-يىلى ھەدىسى مەيسىخان بىلەن ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيىسىنىڭ مازار يېزىسىدىكى تۇققانلىرىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشقان. 1930-يىلى ئايۇپ مەنسۇرى غۇلجىغا كېلىپ دەسلەپتە دوختۇرخانىدا كېيىن «ئىلى گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. گېزىتخانىدا ئايۇپ مەنسۇرى ئۆزىنىڭ رەسساملىق ۋە يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ ئىلى گېزىتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. نەتىجىدە 1932-يىلى ئايۇپ مەنسۇرى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنىپ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر مەدەنى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىقىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان « يېڭى شىنجاڭ گېزىتى» دە كوررىكتور، تەھرىر گېزىت باش مۇھەررىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئايۇپ مەنسۇرى ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ھازىرقى زامان زىيالىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئۆز بىلىمى ۋە ئىقتىدارى بىلەن تېزلا جامائەتكە تونۇلۇپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.
         ئايۇپ مەنسۇرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا خەلق ئېغىز تىلىغا يېقىن بولغان بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارنى تۇنجى بولۇپ يازغان شائىر ھىساپلىنىدۇ. گېزىتخانىدىكى مەزگىلىدە شائىر ئايۇپ مەنسۇرى «كۆچ-كۆچ ھەققىدە»، «ئايخان نەزمىسى»، «سېغىندىم»، «جاھانگىرگە» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى ۋە پۇبلىستىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.
        ئايۇپ مەنسۇرى 1940-يىلى« يېڭى شىنجاڭ گېزىتى» دە  ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى ھىكايە «بارات جەللىگۈر» نى ئېلان قىلغان.
        ئايۇپ مەنسۇرى 1940-يىلى 4-ئايدا سەۋەپسىز قولغا ئېلىنىپ، 1942- يىلى ئەتراپىدا  سەبداشلىرى مەرۇپ سەئىدى، خېلىل سەتتارىلار بىلەن بىرلىكتە تۈرمىدە دەھشەتلىك يوسۇندا ئۆلتۈرىۋېتىلگەن.
        ئايۇپ مەنسۇرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبى تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ئەنۋەر ناسىرى،  لۇتپۇللا قاتارلىق  كېيىنكىلەرنىڭ ئىجادىيتى ۋە تىل ئۇسلۇبىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
        ئايۇپ مەنسۇرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى، ھەتتا ئەسەرلىرى بېسىلغان ئىلى ۋە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئارخىپ نۇسخىلىرىمۇ ئاساسەن دىگۈدەك شېڭشىسەي تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەچكە بىزگىچە پەقەت ئاز ساندىكى ئەسەرلىرىلا يېتىپ كەلگەن بولغاچقا ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار كۆز ئالدىمىزدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.

    -----------شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان، ئىمىنجان ئەخمىدى تۈزگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نامايەندىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us