ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    خېلىل سەتتارى - [سەرخىللار ئارخىپى]

    خېلىل سەتتارى 1914-يىلى قازاقىستان چېلەك رايونىنىڭ قارا يوتا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، دەسلەپ شۇ يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە كېيىن زەۋات ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1930-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئانا يۇرتى غۇلجىغا ئۆتۈپ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئارا ئۆستەڭ يېزىسىغا ئورۇنلاشقان.
       ئەدەبى تالانتى كىچىكىدىنلا كۆزگە كۆرۈنگەن، ھازىرقى زامان ئەدەبى تىلىنىڭ تەشەببۇسچىسى بولغان خېلىل سەتتارى 1932-يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكەن ئايۇپ مەنسۇرىنىڭ ئورنىغا تەھرىر بولۇپ «ئىلى دەرياسى» گېزىتىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. تەھرىر مەزگىللىرىدە خېلىل سەتتارى «شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى»، «ئىككى يىللىق دەۋر»، قاتارلىق زور تەسىر قوزغىغان ماقالىلىرىنى ۋە «خوشاللىق»، «ئىلىنىڭ شوخ سۇلىرى»، «بىزنىڭ شائىر»، «مۇقەددەس كۈن»، دۇتتارىم» قاتارلىق شېئىرلارنى ئېلان قىلغان.
        1936-يىلى خېلىل سەتتارى  ئايۇپ مەنسۇرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر گېزىتى» دە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن ۋە بۇ جەرياندا گېزىتتە ئېلان قىلىنغان  «قاچان تۈگەر»، «كەتمىگەن ياز»، «ئىش نۇرى» قاتارلىق  نادىر  شېئىرلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى يېڭىچە ئۇسلۇبنىڭ تىپىك ئۈلگىسىنى ياراتقان.
        شائىر خېلىل سەتتارى 1940-يىلى 4-ئايدا سەۋەپسىز قولغا ئېلىنىپ، 1942- يىلى ئەتراپىدا  سەبداشلىرى، ئايۇپ مەنسۇرى، مەرۇپ سەئىدىلار بىلەن بىرلىكتە تۈرمىدە دەھشەتلىك يوسۇندا ئۆلتۈرىۋېتىلگەن.
       خېلىل سەتتارى ئايۇپ مەنسۇرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبى تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ئەنۋەر ناسىرى،  لۇتپۇللا قاتارلىق  كېيىنكىلەرنىڭ ئىجادىيتى ۋە تىل ئۇسلۇبىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
       خېلىل سەتتارى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى، ھەتتا ئەسەرلىرى بېسىلغان ئىلى ۋە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئارخىپ نۇسخىلىرىمۇ ئوخشاشلا ئاساسەن دىگۈدەك شېڭشىسەي تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەچكە بىزگىچە پەقەت ئاز ساندىكى ئەسەرلىرىلا يېتىپ كەلگەن، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار كۆز ئالدىمىزدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.

    -----------شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان، ئىمىنجان ئەخمىدى تۈزگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نامايەندىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى


    收藏到:Del.icio.us