ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    ھۈۋەيدا - [سەرخىللار ئارخىپى]

    خوجا نەزەر غايىپ نەزەر ئوغلى ھۈۋەيدا 18-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك  ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شائىر ياشىغان دەۋىردە ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسيادا كەڭ تارقالغان. شائىرنىڭ ئەسلى ئىسمى خوجا نەزەر بولۇپ،<ھۈۋەيدا>-ئۇنىڭ ئەدەبى تەخەللۇسى.

        ھۈۋەيدانىڭ تارىخى شەخسىيتى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار بار. بىر قەدەر مۇقىملاشقان قاراش ئۇنىڭ دادىسى غايىپ نەزەر ئەسلى ئوشلۇق (ھازىرقى قىرغىزستاننىڭ تەۋەلىكىدىكى ئۆزبىكىستاننىڭ ئەنجان شەھرى  بىلەن چىگىرلىندىغان ئوش شەھرى) بولۇپ، ئۇزۇن يىل قەشقەردە ياشىغان ۋە ئاپپاق خوجىغا مۇرت بولغان.كىيىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئوشقا قايتىپ، ئۇ يەردە ئەنجان ۋە چىميانغا بارغان. ھەمدە چىمياندا چوڭ خانقا سالدۇرۇپ تەسەۋۋۇپچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.

        ھۈۋەيدانىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن <دىۋانى ھۈۋەيدا> ناملىق توپلىمىنىڭ 155-بىتىدە بايان قىلنىشچە، ئۇنىڭغا <خوجا نەزەر>  دىگەن ئىسىمنىڭ قويۇلىشىغا تەرىقەتچى ۋە تەپرىقچى ئاپپاق خوجىنىڭ <نەزەر تاشلىغانلىقى> سەۋەپ بولغانكەن. بۇنىڭدىن ھۈۋەيدانىڭ قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە ئۆسكەنلىكى، كىيىنچە ئائىلىسى بىلەن ئوشقا كىتىپ 1780- 1781-يىللاردا چىمياندا ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم بولدۇ.ھۈۋەيدانىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىدىن بىر قىسمى-قىرىنداشلىرى، نەۋرە چەۋرىلىرى ئاساسەن يەكەن ،قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كۆپلىگەن شائىر-تەرجىمانلار ۋە مۇقامشۇناسلار يىتىشىپ چىققان.

    مەسىلەن: يەكەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىر ھەم مۇقامچى سىدىق ساتار، شائىر ھەم تەرجىمان سالاھىدىن ساقىب، ئەزىزىدىن (ۋىسالى) قاتارلىقلار ھۈۋەيدانىڭ نەۋرە چەۋرىلىرىدۇر. ھۈۋەيدا قەشقەر ۋە يەكەن مەدرىسلەردە بىلىم تەھسىل قىلغان،ئەرەپ پارىس ئەدەبىياتى ۋە ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسيا شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئۈگەنگەن.ھۈۋەيدا ئىجادىيتىدە بولۇپمۇ نەۋائىينىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇ ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئىسلام - تۈرك مەدىنىيتىدىكى تەسەۋۋۇپ ئىقىمىنىڭ <پرى> ھىساپلانغان مۇتەپپەككۇر، ئالىم مەۋلانا جالالىدىن رۇمى (13-ئەسىردە ياشىغان) گە يۈكسەك ئەقىدە باغلاپ دۇنيا قاراش جەھەتتىن  تاساۋۋۇپچى بولۇپ يىتىشكەن. گەرچە ھۈۋەيدانىڭ ئجتىمائى قارىشىدا مۇرەككەپ زىدىيەتلىك ئامىللار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھايات يولى ۋە ئجتىمائى قارشى ئەينى دەۋىردە شىنجاڭدا  بىر مەزگىل يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئاپپاق خوجا  باشچىلىقىدىكى تەركىدۇنياچىلىقنى تەرغىپ قىلدىغان ئاتالمىش<سوپىلار گوروھى> نىڭ تۇتقان يولىدىن پەرقلىنەتتى. بۇنىڭدىكى پەرقنى ئۇنىڭ شىېرى ئجىدىيتىدىن كۆرگىلى بولدۇ. ھۈۋەيدانىڭ شىېرلىرىدا تەركى دۇنياچىلىق، رېئال ھاياتتىن ۋاز كىچىش،  تائەت ئىبادەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ بۇ دۇنيانى تاشلاپ قويۇش تەكىتلەنمەيدۇ. بەلكى ئادالەتسىزلىك، زۇلۇم، ۋاپاسىزلىقلاردىن زارلىنىدۇ  ۋە ئۇنىڭ ئجتىمائى سەۋەپلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. بۇ ، شائېر ئېڭىدا فئوداللىق جەمىيەتكە ، چىكىدىن ئاشقان دىنى خۇراپاتلىققا ، ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇيغۇلارنى يىتىشتۇردۇ.

    ھۈۋەيدانىڭ ئەدەبى مىراسلىرى ھەرخىل نۇسخىلاردا < دىۋان> دىگەن نام بىلەن زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلدى.شىنجاڭدا ھۈۋەيدانىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قولدا كۆچۇرۇلگەن ساپ ئۇيغۇر تىلدىكى نۇسخىلىرى كۆپ. بۇ نۇسخىلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر تولۇق دەپ ھىساپلانغىنى شائىرنىڭ چەۋرىسى ھاجىى سالاھىدىن (ساقىب) ۋە مىرزا ھاكىم ئىبىن مىرزا ئۇمىد كۆچۇرگەن < كىتابى ھۈۋەيدا> ناملىق نۇسخىسىدۇر.بۇ نۇسخا 1909-يىلى تاشكەنتتە چاپ (نەشىر) قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 351 غەزەل ،28 رۇبائى، 41 تۆتلىك ئۈچ مۇخەممەس،بىر مۇسەددەس، بىر مۇسەممەن،بىر مۇستەھزات، ئۈچ مەسنىۋى ھەمدە <راھىتى دىل> ناملىق لېرىك دىداكتىك داستانى كىرگۇزۇلگەن.مەزكۇر توپلامنىڭ تولۇق نۇسخىسى ھازىر شىنجاڭ ئجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىسىدە ساقلانماقتا.

    ھۈۋەيدا مۇتەپپەككۇر شائېر بولۇش بىلەن بىرلىكتە ،يەنە ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق بەستەكارى (مۇزىكانتى) بولغانلىقى مەلۇم. ئۇ قەشقەر ، يەكەندە تۇرغان مەزگىلدە  سەئىدىيە خانلىقى سۇلتانى ئابدۇرەشىتخان دەۋرىدە رەتلىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئۈگەنگەن ۋە كۆپ مۇقام ئاھاڭىغا ئۆزىنىڭ شىېرىنى دەستىلىگەن. ھازىرغىچە يىتىپ كەلگەن مۇقام تېكستلىرى ئىچىدە ناۋائىنىڭ، مەشرەپنىڭ  شىېرلىرىدىن قالسىلا  ھەممىدىن كۆپ بولغىنى ھۈۋەيدانىڭ شىېرلىرى بولۇپ، 202 مىسرانى تەشكىل قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشاۋرەك ،پەنجىگاھ،ئەجەم، ئوشاق قاتارلىق مۇقاملارنىڭ باشلىنىش مۇقەددىمىلىرىگە ھۈۋەيدانىڭ شېرىلىرى دەستىلەنگەن. شۇ دەۋىرلەردە قەشقەر، يەكەن،خوتەن  قاتارلىق رايۇنلاردا بىر قەدەر كەڭ ئەۋج ئالغان <خانىقا مۇقاملىرى> نىڭ تېكستلىرى ئىچىدىمۇ ھۈۋەيدانىڭ شېرلىرى خىلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ.ھۈۋەيدا ھەققىدە خەلق ئارىسىدا ئاغزاكى تارلىقىپ يۈرگەن رىۋايەتلەر ئارىسىدىمۇ ئۇنىڭ مۇزىكىدىن خەۋەردار (ساتار چالىدىغانلىقى)مەلۇم. ئۇستا مۇقامچى ئىكەنلىكى ھىكايە قىلىنىپ كەلمەكتە.(ئەپسۇسكى بۇ ھەقتە يازما مەنبەلەر ساقلانمىغان) . يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا  ھۈۋەيدا قەشقەر،يەكەن،ئوش ۋە چىيان شەھەرلىرىدە مەكتەپ ئىچىپ ئەدەبىيات تىل،دىنى پەلسەپە < تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى> ۋە مۇسىقە (مۇزىكا) ئىلىملىرىدىن دەرس بىرىپ كۆپلىگەن تالىپ يىتىشتۇرگەنلىكى مەلۇم، بۇ ئەھۋالمۇ ئۇنىڭ مۇزىكا ئىلمىدىن خەۋەردار ئوقۇمۇشلۇق زات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرۇپ بىردۇ.


    收藏到:Del.icio.us