-
2010-06-03
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد - [سەرخىللار ئارخىپى]
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى گۇما ناھىيسىنىڭ قۇشتاغ يىزىسىدا تۇغۇلغان .قۇشتاغدا تولوق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كىيىن 1990-يىلدىن 2002-يىلغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك پاختا توقومچىلىق فابرىكىسىدا ئىشچى بولوپ ئىشلىگەن .2005-يىلدىن بۇيان خوتەن ۋىلايەتلىك يولوچى توشوش بىكىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ. شائىرنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى <<يىڭى قاشتىشى>>ژورنىلىنىڭ 1990-يىلى 3-سانىدا ئىلان قىلىنغان <<مىنىڭ جەننىتىم>>نامىلىق شىئېرى بىلەن باشلانغان بولوپ ،شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقىدا نەشىر قىلىنىدىغان ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 1500پارچىدىن ئارتۇق شىئېرى ۋە بىر بۆلەك نەسىرلىرى ئىلان قىلىنغان .<<قۇياش يالغان ياكى قار يالغان>>،<<ئەرنىڭ ئىپپىتى>>،<<مەشرەپ چۆلى>>،<<رەزىل ئاپتاپ>>،<<دۇتتارچى ئايال>>قاتارلىق بىر تۈركۈم شىئېرلىرى <<كۆكنۇر شىئىرىيەت مۇكاپاتى>>،<<ئاقيول شىئېرىيەت مۇكاپاتى>>،<<خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>>قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن . ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ،خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى .
مەنبە بىلقۇت تورى (ئەسەر ھوقۇقى شۇلارغا مەنسۇپ)
历史上的今天:
شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 2010-06-03شائىرە ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت 2010-06-03شائىر، نەسىرچى، ژۇرنالىست ئەركىن نۇر 2010-06-03شائىر مۇھەممەد رەھىم نىڭ تەەرجىمھالى 2010-06-03ھەممىلا نەرسە ماڭا ئۈسسىۋاتىدۇ(نەسىر) 2010-06-03