ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-03

    ھەممىلا نەرسە ماڭا ئۈسسىۋاتىدۇ(نەسىر) - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

     ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    ھەممىلا نەرسە ماڭا ئۈسسىۋاتىدۇ. گويا ھەممىسى مەندىن بىر نەرسىنى تالىشىۋاتقاندەك.

    كوچىلاردا ماشىنىلار نەچچە رەت تاس قالدى بېسىۋەتكىلى. شوپۇرلارغا نېمە قىلىپ قويغىنىمنى بىلمەيمەن. ھەممىسىلا مېنى باسۇرىۋەتمەكچى بولغاندەك ئالدىمدىلا ماشىنىلىرىنى قاتتىق تورمۇزلايدۇ دە ماشىنا دەرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىشىپ مېنى تىللايدۇ: "ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟ كۆزۈڭگە قاراپ ماڭ ساراڭ!".

    پىيادە كېتىپ بارغان ئادەملەرچۇ تېخى؟! ئۇلارمۇ قىزىق. بىلمەيلا قالىمەن، بېرى مۈرىدەپ، يەنە بېرى كاللىشىپ كەتكۈدەك ئەلپازدا مېنى سوقۇپ ئۆتىدۇ. ئەسلى كىچىكىمدىن پەردە-شەپ ئەخلاق تۈپەيلى ھەرقانداق بىرسىنى، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنى سوقۇۋەتمەيتىم. ئۇلار مەنزىل ئۇپۇقۇمغا كىرگەن ھامان ئۇنىڭدىن ئەگىپ ياكى ئۇنىڭغا يول بېرىپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كىتەتتىم. بېراق بۇ كۈنلەردە...

    راسىت ئۇلار خۇددى مەندىن بىر نەرسىنى تالىشىۋاتقاندەك ئىدى.

     مېنىڭدە ئۇلار تالاشقۇدەك نېمە بار زادى؟؟...

    ئەمدى ھەتتا يول بويىدىكى دل-دەرەخلەرمۇ، ئىستولبا، تۈۋرۈكلەرمۇ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇ سەپكە قېتىلىپ كەتتى. ئاھ! قانداق قىلارمەن ھە؟ ئۇلاردىن سورىدىم ۋە ئۆتۈندۈم:

    -"ئۇنداق قىلماڭلار، مەندە سىلەر تالاشقۇدەك نېمىمۇ بولسۇن؟"

    - ياق ، :-دېيىشتى ئۇلار.

    مەن ھەيرانلىقتا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم. ئۇلارنىڭ كۆزىدە يۈرىكىمدىكى خۇشپۇراق گۈل - سەن ئەكىس شولا بولۇپ ياناتتىڭ. ئەسلى ئۇلار مەندىن، يۈرىكىمدىن سېنى تالىشىۋاتقان ئىكەن. ياق، سېنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن.  سېنى قانداقمۇ ئۇلارغا بېرەي ئەزىزىم. قولۇڭنى بەر. بىز بۇلاردىن يېراقلارغا كىتەيلى. ئۇلار سېنى، سېنىڭ يۈرىگىڭنى مەندىن تارتىۋالمىسۇن. مەن بىلەن مەڭگۈ بىرگە قال گۈلۈم.

    分享到:

    评论

  • باھا يازدىم سىناققا،
    يوللاپ قويدۇم بىراقلا.