ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-03

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد - [سەرخىللار ئارخىپى]

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى گۇما ناھىيسىنىڭ قۇشتاغ يىزىسىدا تۇغۇلغان .قۇشتاغدا تولوق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كىيىن 1990-يىلدىن 2002-يىلغىچە  خوتەن ۋىلايەتلىك پاختا توقومچىلىق فابرىكىسىدا ئىشچى بولوپ ئىشلىگەن .2005-يىلدىن بۇيان خوتەن ۋىلايەتلىك يولوچى توشوش بىكىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ. شائىرنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى <<يىڭى قاشتىشى>>ژورنىلىنىڭ 1990-يىلى 3-سانىدا ئىلان قىلىنغان <<مىنىڭ جەننىتىم>>نامىلىق شىئېرى بىلەن باشلانغان بولوپ ،شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقىدا نەشىر قىلىنىدىغان ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 1500پارچىدىن ئارتۇق شىئېرى ۋە بىر بۆلەك نەسىرلىرى ئىلان قىلىنغان .<<قۇياش يالغان ياكى قار يالغان>>،<<ئەرنىڭ ئىپپىتى>>،<<مەشرەپ چۆلى>>،<<رەزىل ئاپتاپ>>،<<دۇتتارچى ئايال>>قاتارلىق بىر تۈركۈم شىئېرلىرى <<كۆكنۇر شىئىرىيەت مۇكاپاتى>>،<<ئاقيول شىئېرىيەت مۇكاپاتى>>،<<خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى>>قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن . ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ،خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى .

    مەنبە بىلقۇت تورى (ئەسەر ھوقۇقى شۇلارغا مەنسۇپ)

    分享到: