-
2010-06-03
شائىر، نەسىرچى، ژۇرنالىست ئەركىن نۇر - [سەرخىللار ئارخىپى]
شائىر، نەسرچى ۋە ژۇرنالىست ئەركىن نۇر 1965 - يىل 5 - ئايدا كۇچا (ناھىيسىنىڭ خانىقاتام يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ، 1981 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1986 - يىل 7 - ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن <تەڭرىتاغ> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر بۇ ژۇرنالنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەركىن نۇر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1984 - يىلى <ئىلى دەرياسى> ناملىق ئەدەبىي ئوبزۇرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، ئەدەبىياتنىڭ كۆپ ساھەلىرىدە قەلەم تەۋرىتىپ <>ئىزدىنىش< رومانىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا> قاتارلىق ئوبزۇرلارنى، <يىراق ۋە يېقىن>، <ھۇۋلاپ تۇرار مەندە بىر دېڭىز>، <يىلان> قاتارلىق شېئىرلارنى؛ <يىلتىز>، <سەمەندەر>، <شەكىلسىز ئايال> قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدەبىي ئاخبارات - ھېكايىلارنى؛ <كۆلەڭگە>، <كۆيگەن ياشلىق> قا ئوخشاش نەسرلەرنى يازغان. ئەركىن نۇر يەنە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى داڭلىق يازغۇچى - شائىرلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بەزى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. ئەركىن نۇر ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى."
مەنبە: بىلقۇت تورى (ئەسەر ھوقۇقى شۇلارغا مەنسۇپ).
历史上的今天:
شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 2010-06-03شائىرە ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت 2010-06-03غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 2010-06-03شائىر مۇھەممەد رەھىم نىڭ تەەرجىمھالى 2010-06-03ھەممىلا نەرسە ماڭا ئۈسسىۋاتىدۇ(نەسىر) 2010-06-03