-
2010-06-03
سېنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن(نەسىر) - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
گۈل بەرگىدىكى نازۇك تامچىلارنىڭ قۇياش نۇرىدىكى بەختىيار جۇلاسىنى كۆرۈپ زوقلاندىم ۋە بىر تامچە يامغۇر ياكى شەبنەم تامچىسى بولۇپ مەڭگۈ بەرگىڭدە جۇلالاشنى ۋە ياكى يۈرىگىڭنى ياشارتىشنى تىلىدىم. شۇ چاغ كۆكتىن بىر سادا كەلدى:- "ئەخمەق، سەن دېگەن ئۇ تامچىلارنىڭ بىردەمدىلا پارلىنىپ كەتكىنىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر مەڭگۈلۈكنى تىلىسەڭ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ يۈرىكى بول. سادىق يۈرىكى بول!!!...
* * * *
يۇلتۇزلار شۇنچە جىق كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلگىنى ئۈچۈن مەن سېنى كۆزلىرىمدىن يۈرىكىمگە يوشۇرۇپ قويدۇم. سېنى ھەرگىز باشقىلارغا بەرمەيمەن. ساڭا كۆز تەگمىسۇن قوي كۆزلۈگۈم.
* * * *
مەن سېنىڭ ئالدىڭدا بىر "تاجاۋۇزچى" بولىشىم مۇمكىن. ئەمما ئەپۇ قىل. ئامال يوق. ھەقىقىي ئەركەك مۇھەببەتنى ئىلتىجا كۆز ياشلىرى ئارقىلىق ئۆتۈنۈش بىلەن سەدىقە ئالمايدۇ. بەلكى ئۇنى بويسۇندۇرغۇچى بولۇپ ئىگەللەيدۇ. شۇنداق مەن سېنىڭ ئالدىڭدا قەلبىڭنى ئىگەللىگۈچى، بويسۇندۇرغۇچى بولىشىم كېرەك. چۈنكى مەن ئاشۇ ئەرلىك خاراكتېرى بىلەنلا ئالدىڭدا بىر ئۆمۈر ساڭا ئىشەنچلىك قوغدىغۇچىڭ بولالايمەن. شۇندىلا بىر ئۆمۈر كۆزلىرىڭ كۆزلىرىمدە، يۈرىگىڭ يۈرىگىمدە بولىدۇ. ئەگەر قەلبىڭنىمۇ قوغدىيالمىسام سېنى باشقىلار مەندىن ئىلىپ كەتمەمدۇ؟! ياق، سېنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن.
* * *
سېنى تەنتەك دېسەم خاپا بولدىڭمۇ؟ خاپا بولما ئەزىزىم. سېنىڭ شۇ تەنتەكلىكىڭ مېنى شۇنچە ساڭا باغلاپ تۇرۇپتۇ. سېنى "رەزىل" دېسەم خاپا بولدۇڭمۇ ئەزىزىم؟ ياق، خاپا بولما. سېنى شۇنچە بەك چوڭقۇر سۆيۈپ قالغىنىم ئۈچۈن سېنىڭ ماڭا قىلغن كىچىككىنە دىل ئازارلىقىڭ مېنى تىغدەك قىينايدۇ. ماتېماتىكىدىكى تاناسىقا ئوخشاش بۇ خىل تۇيغۇنى ھېس قىلالىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆزلىرىڭدىن شادلىق نۇرلىرىنى ئىستەيمەن. كۆزلىرىڭ كۈلۈپ تۇرسۇن. راسىت، بىر ئۆمۈر سۇلماس گۈلدەك كۈلۈپ تۇرغىن قىممەتلىكىم.
历史上的今天:
شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 2010-06-03شائىرە ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت 2010-06-03غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد 2010-06-03شائىر، نەسىرچى، ژۇرنالىست ئەركىن نۇر 2010-06-03شائىر مۇھەممەد رەھىم نىڭ تەەرجىمھالى 2010-06-03