-
2010-06-02
ئەڭ ئېسىل شېئىردۇر ئەسلىدە ئىنسان - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئەڭ ئېسىل شېئىردۇر ئەسلىدە ئىنسان
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
بىر پارچە شېئىرغا ھاياتنى سىغداش
مۇمكىندۇر بۇنىڭغا ئىشەنگىن شەكسىز.
كىچىكلا مۇشتۇمدەك يۈرەكتىن چىققان،
خىيالمۇ بوي سوزار ئالەمگە چەكسىز.
بىر كۇپلىت شېئىردا يۈكسەك مۇھەببەت،
ئەڭ ئۇلۇغ داستاننىڭ مېغىزى تۈنەر.
قەلبىڭگە گەر باھار كەلسە پاھ! قارا،
بەك ئېسىل غۇنچىلار بىخلىنار، ئۈنەر.
بىر مىسرا قېتىدا سەن ھەم مەنمۇ بار،
يۈرەكلەر سۆزلىشەر شۇنچە خىرامان.
بىر سۆزگە مۇجەسسەم ۋە بەلكىم ئۆمرۈم،
ئەڭ ئېسىل شېئىردۇر ئەسلىدە ئىنسان.