ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-11

    توغراققا ئايلانغان ئادەملەر-5 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    ئۆمەرجان سىدىق (مىسىكىن):

    توغراققا ئايلانغان ئادەملەر-5


     كۈنلەر، ئايلار، يىللار بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئېقىن سۇدەك ئۆتمەكتە ئىدى. بۇ يۇرتنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، ئەل ئىچىنى ئىشرەتخورلۇق، بۇزۇقچىلىق، ھورۇنلۇق، كۆرەلمەسلىك، جېدەل-ماجرا، قاتىللىق قاتارلىق ئىللەتلەر قاپلىغان ئىدى. ھەركۈنى نەچچە ئونلىغان كىشى ئورۇنسىز جىدەل بىلەن پىچاق، قىلىچ، نەيزە زەربىسىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلاتتى. بۇنى سورايدىغان، تەرتىپگە سالىدىغان ئادەم يوق ئىدى. كېسەلنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان بۇ ئەلدە يېڭىدىن يېڭى كىسللەر پەيدا بولۇپ، قېرى-ياش دېمەي قوناق شېخىدەك قىرىلماقتا ئىدى.

    تۇغۇلغان بالىلار ۋىجىك، ئورۇق، سۈپەتسىز ھەتتا بەزىلىرىنىڭ بىرقىسىم ئەزالىرى كەم بولۇپ، تەن قۇرۇلۇشى، چىرايىمۇ ئەجداتلىرىغا قىلچە ئوخشىمايىتتى. ئۇزۇن كۆرگەنلەر ئاران 60 يىل ياشىيالايىتتى.  ئەڭ موھىمى بۇ يۇرتتا قارا قانىتىنى سۆرەپ يۈرگەن ھورۇنلۇق ئالۋاستىسىنىڭ ھۇجۇمى ئارقىسىدا ئىشلەپچىقىرىش، تېرىلغۇ ئىشلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەل تاشلىنىپ ، ئېكىنزارلىقلار قۇرۇپ، قۇم ئەجدىھاسى ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، قۇرۇشقا باشلىغان بوستانلىقلارنى تۆت تەرەپتىن قورشاپ كەلمەكتە ئىدى. يۇرتنىڭ كېلىماتىمۇ بۇزۇلغان بولۇپ، ھېلىدىن ھېلىغا بوران، قار-يامغۇر، مۆلدۈر ئۈزۈلمەيىتتى. ساپ ھاۋا، سۈزۈك ئېقىن، چاڭىداپ سايراپ تۇرىدىغان بۇلبۇللار پەقەت بىر چۈشكلا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

    بۇ يۇرتتا ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ۋە ھېچقانداق ۋابا-كېسەل، خېيم –خەتەرگە ئۇچرىمىغان بىرلا كىشى مۆجىزىدەك ھايات قالغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ مويىسپىت يۇرت ئاقساقىلى بولۇپ، گەرچە قېرىپ نەچچە يۈز ، ھەييات نەچچە مىڭ ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلىگىلى بولمايدىغان ھالغا يەتكەن، قاشلىرى ئۆسۈپ ئېڭەككىچە ساڭگىلىغان، ساقاللىرى يەرگىچە تىگىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، زېھنى، يەنىلا ئۆتكۈر، تەپەككۇرى جايىدا ئىدى. كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپ تۇراتتى. ئۇ ئەيتاۋۇر بۇ يۇرتنىڭ ھالاكېتىنى، بۇ مۇقەددەس زېمىن بىلەن تەڭ ھالاك بولۇشنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ تۇنجى قارارنى خاتا چىقارغانلىقىدىن يۇرت ئەھلىنى سىرىتتىن كەلگەن «ئەۋلىيا مىھمان»نى بۇ مۇقەددەس زېمىنغا يېقىن يولاتماسلىققا دەۋەت قىلمىغانلىقىدىن ئۆمۈر بويى پۇشايمان قىلىپ ئۆتتى. «ئاھ، پۇشايمان، تۈگىمەس پۇشايمان! ئادەم ئاتىنڭ جەننەتتە خاتالىشىپ بۇغداينى يەپ قويغانلىقىدىن باشلانغان پۇشايمان موشۇنداق ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ ماڭارمۇ؟ موشۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولۇش ئەسلى پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن بولغىيمىتى» دەپ ئاھ ئۇرۇپ ئۆتكەن مويسىپىتنىڭ كۆز ياشلىرى نەچچە يىللاپ ئېقىپ قۇرۇپ كەتتى. ئۆز ئۆزىدىن ئېچىنىش، ئەيىبلەش تۇيغۇسىدىن بىر تېرە، بىر سۇڭەككە ئايلىنىپ قالدى. يۇرت ئەھلىنى، قېرىنداشلىرىنى مېڭىۋاتقان خاتا يولىدىن توسۇپ، تولا نەسىھەت قىلپ ھاردى. ئۇ ئاخىرى بىر ئىغىزمۇ زۇۋان سۈرمەس بولدى. ئۇ ھەممەئىشقا ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىلەن، سوغۇق تىكىلىپ، ۋەزمىن تۈستە ئۈن –تۈنسىز ئولتۇراتتى. ئۇ ھەممىنى بىلىدىغاندەك، بۇكىشىلەرنىڭ تەقدىر ھارۋىسىنىڭ قاياققا بارىدىغانلىقنى، قايسى ئازگالغا تىقىلىپ قالىدىغانلىقىنى، ئالدىن بىلىدىغاندەك، ئاخىرقى نەتىجىگە ئاللىقچان تەييارلىنىپ قويغاندەك ئىدى. بۇيەردىكى كىشلەر بولسا يۇرتتا موشۇنداق بىر ئادەمنىڭ بولغانلىقىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.

    يەنە قانچىلىك ئايلار، يىللار ئۆتكەنلىكى نامەلۇم، ئاخىر بۇ يۇرتتا ئىغىر ئاچارچىلىق ئاپېتى يۈزبېرىپ، يۇرت ئەھلىنىڭ يەيدىغان ھېچ نىمىسى قالمىدى. قۇم ئالۋاستىسى ئىتىزلىقلار، بوستانلىقلار، مەھەللىلەرنى ئاللىقاچان يۇتۇپ كەتكەن پەقەت چىنارنىڭ ئەتىراپىدىكى كىچىككىنە يەر ھاياتلىققا نىشان بولۇپ ساقلىنىپ قالغان ئىدى. قىرىلىدىغىنىنى قىرىلىپ، گويا ئاچ ئەرۋاھقا ، قۇرۇق ئىسكىلىتقا ئوخشاپ قالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئەڭ ئاخىرقى ھاراق بوتۇلكىلىرىنى قۇچاقلاپ  چىنار ئەتىراپىدا سۇنايلىنىپ يېتىشاتتى. كۆكىرىپ تۇرغان يېگىلى بولىدىغانلىكى نەرسىلەرنى ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئەكىلىپ ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ جان بېغىشلاۋاتقان بىر قسىم ئاياللارمۇ مانا ئەمدى ئاچلىق، زەئىپلىك تۈپەيلىدىن كوچا بويلىرىدا تۈگۈلۈپ يېتىپ قالغان ئىدى. بۇ بىچارە ئەرلەر ۋۇجۇدىدىكى ئاخىرىقى قۇۋەتلىرىنى ئۆمۈلەپ يۈرۈپ ھاراق ياساشقا بىغىشلىغان ھاياتىنى ھاراققا تېگىشكەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇلار پەقەت مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىدىنلا ھايات ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەپ، قۇرۇق بوتۇلكىنى قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغان قولىدا چىڭ سىقىمداپ، داق يەرگە لايدەك چاپلىشىپ ياتماقتا ئىدى. يەنە نەچچە كۈنلەر، ئايلارئۆتتى. چىنار ئەتىراپىدا ، قىسقا كوچىلارنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىدە ھەرخىل شەكىلدە ياتقان كىشلەرنىڭ تېنىدە بىردىنلا ئاجايىپ غەلىتە ھالەت روي بېرىشكە باشلىدى.  ئادەملەرنىڭ بەدىنىنى يەرگە تېگىپ تۇرغان قىسمىدىن ئاستا-ئاستا نوتىلار ئۈنۈپ، يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەشكە باشلىدى.  خۇددى بىرى ئەپسۇن ئوقۇپ قويغاندەكلا ھەممە ئادەمنىڭ بەدىنىدىن شاخلار ئۆسۈپ چىقىپ، سوڭەكلىرى دەرەخ غولىغا، قوللىرى شاخلارغا، قۇلاق–بۇرۇنلىرى يوپۇرماقلارغا ئايلىنىپ، ئادەم دەرەخلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇ ئارىدا تۇيۇقسىزلار بىرلا قۇيۇن پەيدا بولۇپ، قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى. 7 كىچە كۈندۈزگەسوزۇلغان بۇ بوران شۈنچىلىك قاتتىق چىقتىكى خۇددى غايەت زور بىر مەخلۇق قايسىدۇر بىر ئشىتىن قاتتىق غەزەپكە كېلىپ، نەرە تارتىپ ئالەمنى مالەم قىلىۋاتقاندەك، زېمىننى كۆمتۈرىۋەتمەكچى بولىۋاتقاندەكلا ئىدى. 7-كۈنى بوران قانداق تۇيۇقسىز چىققان بولسا يەنە شۇنداق تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. ئەمدى بۇيەردە نە مەھەللە، نە ھاياتلىقىنىڭ ئىزناسى قالمىغان پەقەت پايانسىز، چەكسىز، چەكسىز قوملۇقلار سوزۇلۇپ ياتاتتى. پەقەت قۇملۇقنىڭ ئوتىرسىدا بىر تۈپ قېرى چىنار دەرىخى، ئەتراپتا چوڭ –كىچىك ھەخىل شەكىلدىكى توغراقلار قۇملۇقنىڭ ئوتىرسىغا چاپلاپ قويغان رەسىمدەك جىمجىت تۇراتتى. ئادەمگە ئاجايىپ بىرخىل خىيالىي تۇيغۇ بىغىشلايدىغان ساپسېرىق قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياپيىشىل دەرەخلەر كىشىنى تەكسىز ئويلارغا غەرق قىلاتتى. ھەركۈنى سەھەردە توغراقلارنىڭ ياپراقلىرىدا كۆز يېشىدەك تېزىلىپ كەتكەن شەبنەم دانچىلىرى قوياش نۇرىدا يالىلداپ چاقناپ كېتەتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قۇملۇقتىن، توغراقلارنىڭ بويلىرىدىن تۆگىلىك، ئاپتوموبىللىق، ئايروپىلانلىق كارۋانلار ئۆتۈشتى. قۇملۇقنىڭ قاق ئوتتۇرسىدىمۇ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ تۇرغان توغراقلارغا ھەيران بولۇپ ، بۇيەردە ئارام ئېلىشىتى. چېدىر تىكىشىتى. لىكىن كەچ كىرىشى بىلەنلا مەيىن شامالدا شىلدىرلاۋاتقان، ئىغاڭلاۋاتقان توغراق شاخلىرىدىن خۇددى بىر كىملەرنىڭ ئىڭراۋاتقاندەك، ئوھ تارتىۋاتقاندەك، ئۆكسۈۋاتقاندەك، قىيا-چىيا قىلىپ يىغلاۋاتقاندەك غەلىتە، قورقۇنچلۇق ئاۋازلار چىقاتتى. ھەتتا بۇ ئاۋازلار قۇملۇقنىڭ نېرىقى قىرغاقلىرىغىچە ئەكىس سادا پەيدا قىلاتتى. بۇ ئاۋازلاردىن ساراسىمگە چۈشكەن، بۇ ئىشنىڭ سىرىنى يىشەلمىگەن كارۋانلار كۈدە-كۆرپىلرىنى يىغىشتۇرۇپ، بۇيەردىن بەدەر كېتىپ قالاتتى.

     

    2001-يىل، 11-نۆۋەتلىك«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەر

    مەنبە: «تۇرپان» ژۇرنىلى، 2001-يىللىق 2-سان، 56-بەت

    分享到: