ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-11

    توغراققا ئايلانغان ئادەملەر-4 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    ئۆمەرجان سىدىق (مىسىكىن):

    توغراققا ئايلانغان ئادەملەر-4


    ئوخشاش ۋاقىت، ئوخشاش ئاۋاز، ئوخشاش شەكىل بىلەن «ئەۋلىيا» چىنار تۈۋىگە كېلىپ توختىدى. يۇرت ئەھلى «دۇرددىدە» كىلىپ ئۇنى ئورىۋىلىشتى.ۋە ئۆزلىرىگە زادىلا ماس كەلمەيدىغان خوشامەتكويلۇق بىلەن ئۇنىڭدىن تىنىچلىق سوراشتى. ھاياتىدا زادىلا زاھىر بولۇپ باقمىغان تەمەخورلۇق بىلەن غەلىتە «مەخلۇق»نىڭ قورسىقىغا قاراپ بېقىشتى.  ئۇ يەنە نورغۇن نەرسىلەرنى ئىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئادەم ئالدى بىلەن تۆت چاسا كەلگەن، ئالدىدا نورغۇن كۇنۇپكىسى بار، بۇ يۇرت خەلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن يۇچۇن بولغان (ئەمىلىيەتتە باتارىيىلىك كومپىيۇتىر) بىر نەرسىنى ئالدى-دە، ئولتۇرۇپ كشىلەرنىڭ سۆزلىشىشىنى شەرەت قىلدى. توپلاشقان كىشىلەر بىر بىرىگە قارىشىپ، بۇ ئادەمدىن بەس بەس بىلەن ھەرخىل سۇئاللارنى سوراشتى. ئۇ ھېلىقى نەرسىننىڭ كۇنۇپكلىرىنى توختىماي بېسىپ،  تۆت چاسا نەرسىگە تىكىلىپ، ئىچىدە بىر نەرسىلەرنى پىچىرلاشقا باشلىدى. ئۇ خېلى ئۇزاق ھەپىلەشتى. ئىچىدە قايتا قايتا بىرنەرسىلەرنى ھەجلىدى. ئاندىن بىردىنلا بېشىنى كۆتۈرۈپ موشۇ خەلقنىڭ تىلىدا ناھايتى راۋان سۆزلەشكە باشلىدى. ئەتىراپتا تۇرغانلار ھاڭ تاڭ بولغاندىن ياقىلىرىنى چىشلىشىپ، كۆزلىرىنى كاماردەك ئېچىپ تۇرۇپ قېلىشىتى. شۇنىڭدىن كېيىن كەچ كىرگىچە سۆھبەت داۋاملاشتى. ئۇ ئادەم بۇيەردىن باشقا جايلاردىمۇ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان ئادەملەرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتى، ياشاش شارائىتىنى بۇيەردىكىلەرنىڭ زادىلا تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغانلىقنى، ئۆزىنىڭ شۇ يەردىن كەلگەنلىكنى، قولىدىكى بۇ كۇنۇپكىسى بار نەرسىنىڭ «كومپىيۇتىېر»دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تىلىنى موشۇ نەرسە ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ، ئېلىپبەسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، سۆزلەشنى بىلىۋالغانلىقنى، ئارقىدىكى غەلىتە «مەخلۇق» نىڭ «ئاپتوموبىل» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، بېنزىننى يىقىلغۇ قىلىپ ماڭېىدىغانلىقنى، بېنزىننىڭ يەر ئاستىدىن چىقدىغانلىقىنى، ئاخشام ئىچكەن سۇيۇقلۇق ھاراق بولۇپ، ئادەمنى خوش كەيىپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ قاچىلانغان نەرسىنىڭ «ئەينەك» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، چاقماقنى، تاماكىنى، كۆز ئەينەكنى، كىيىملەرنى، يەنە نورغۇن نورغۇن نەرسىلەرنى چۈشەندۈردى.بۇ يەردىكىلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەممىلا سۆز يېڭىلىق، يەنە كىلىپ تەسەۋۇر ۋە تەپەككۇردىن بەكلا يىراقتىكى يېڭىلىق، ئۇلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي ناتونۇش ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئازراقمۇ چۈشەنمىدى. باشلىرى قاپاقتەك كولدىراپ، پەقەت بۇ كىشى نېمە دېسە باش لىڭشىتىپ ئۈندىمەي ئاڭلا ۋەردى. ئۇنىڭ دېگەن نورغۇن سۆزلىرى تەسەۋۇرغا سىغمىدى. لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە، ئۇ دېگەن نەرسىلەرگە شۈنچىلىك قىزىقتىكى مۆمكىن بولسا شۇ نەرسىلەر بىلەن پاتراق ئۇچرىشىشىنى ئارزۇ قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ كەڭ كىرگىنىنى تۇيماي قالغان بۇ كىشىلەر پۈتۈن بىر كۈننى ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئاچ قورساق ئۆتكۈزىۋەتتى. ھېرىپ چارچىغان ھېلىقى «ئەۋلىيا»مۇ ئەتە كېلىدىغانلىقىنى ئىيتىپ، ئۇلارغا ئالغاچ كەلگەن يەنە نەچچە ساندۇق ھاراق، تاماكا قاتارلىق نەرسىلەرنى تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى. كەچتە بۇ يۇرت يەنە قىيامەت قايىم ئىچىدە قالدى...

    ئەتىسى ھېلىقى «ئەۋلىيا» يەنە كەلدى ۋە چىنار ئاستىغا يىغىلغان چوڭ-كىچىك يۇرت ئەھلىگە نوتۇق سۆزلەپ ئۇلارنىڭ تۇغۇلغاندىن بۇيان قىلچە ئىنساندەك ياشىمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى، مەدەنىيەت تارقىتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەۋھۇم ئۇقۇملارنى چۈشىنەلمەسلىگىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىشكە بولىدىغان نەرسىلەرنى سىرىتتىن ئېلىپ كېلىدىغانلىقنى، ياساشقا بولىدىغان نەرسىلەرنى موشۇ يەردە ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مەكتەپ، تىل-يېزىق دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى. ئۇ بۇ قېتىم كۆڭۈل ئىچىش بويۇملىرىدىن شاھمات، بىليارت، قەرت قاتارلىقلارنى ئالغاچ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ «ئەۋلىيا» بۇ يۇرتنىڭ دائىملىق ۋە ئەتىۋارلىق مىھمېنى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئەرلەرنى سەپەرۋەر قىلپ ئىپتىدائى ئۇسۇلدا ئۈزۈمدىن ھاراق ياساش، كەندىردىن تاماكا ياساش، سۇدىن توك چېقىرىش، كىيم –كىچەك تېكىش، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ياخشىلاش، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ياشلار-باللارغا تىل يېزىق ئۈگۈتۈش قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولدى. ھەركۈنى بۇ يۇرتنىڭ ھەممىلا كوچىلىرىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭلار، غۇژمەكلىشىۋالغان كىشىلەر، نەچچە مىڭ قېتىملاپ ھاڭ-تاڭ قىلىشقان، ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قلىشقان ھالەتلەر كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدىغان تاساددىبى ۋەقەلەر، كۈلكە-چاخچاق، سۈرەن–چۇقانلار، ۋارقىراشلار بولۇپ تۇردى. لىكىن بۇ ئەل خەلقنىڭ ھاياتى بەكلا ئىپتىدائىي، تەبئىي ھالەتتە بولغاچقا ھەربىر قەدەمنى بېسىشقا تەسۋىرلىگۈسىز ۋاقىت ۋە كۈچ كېتەتتى. غەلىتە يىرى بۇ ئەل خەلقى ھاراق، تاماكا، بىليارت، قەرت قاتارلىق ئويۇن تاماششا، كۆڭۈل ئېچىش، ئەخلاق رامكىسىغا يات نەرسىلەرگە شۈنچىلىك قىزىقتىيۇ، مەكتەپ، مەدەنىيەت، تەرەققىيات قاتارلىق ئۇقۇملار ۋە ھەركەتلەرگە قىلچە قىزىقمىدى. ئارىدىن قانچە كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتكەنلىكى نامەلۇم(چۈنكى بۇيەردە ۋاقىت ھېساپلانمايىتتى) ھېلىقى «ئەۋلىيا» بۇ «نادان » ئەلگە مەدەنىيەت تارقىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى ھېس قىلدىمۇ، ئەيتاۋۇر بىردىنلا بۇيەردىن ئۈن-تىنسىز كېتىپ قالدى ۋە ئىككىنچى ئاياق باسمىدى. ئەجەبلىنەرلىكى بۇ ئەل خەلقىمۇ ھېلىقى «ئەۋلىيا»نىڭ قاچانالاردا بۇيەردىن كەتكەنلىكىگە قىلچە دىققەت قىلمدى ۋە كارى بولمىدى. ھەتتا ئەزەلدىن بۇ يۇرتقا ئۇنداق ئادەم كېلىپ باقمىغاندەك ئۇنى پۈتۈنلەي ئەسلىرىدىن چىقىرىۋەتتى. چۈنكى بۇيەردىكى كىشلەر ئاللىقاچان «مەدەنىيەت»نىڭ نىمېلىگىنى چۈشىنىپ قالغان، «ئۆز يولىنى» تىپىۋالغان ئىدى. قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى كېچە –كۈندۈزلەپ چىنار ئاستىغا يول بويلىرىغا توختۇتۇلغان بىليارت تاختىلىرىغا چىۋىندەك ئولىشىۋېلىپ ، بىليارت ئوينايىتتى. غۇژمەك-غۇژمەك بولىشىۋىلىپ مال-دۇنيالىرىنى دوغا تىكپ ئوشۇق، قەرت بىلەن قىمار ئوينايىتتى. كېچىلەپ ھاراق ئىچەتتى. نەشە چېكەتتى. «مەدەنىيەتنىڭ ئالدىنقى سىپى»دە كېتىۋاتقان ئىشقىۋازخوتۇنلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلاتتى. ئۇلار بۇ ئىشلارغا شۈنچىلىك كىرىشىپ كەتكەن، مەپتۇن بولغان ئىدىكى، بۇرۇنقى «مەنىسىز» ئۆتكەن كۈنلىرى ئۈچۈن كىملەرنىدۇر قارغاپ، ئاچچىقلىناتتى. شۇ كۈنلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرېۋىلىش ئۈچۈن ئويۇن-تاماشىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلەتتى. بۇرۇنقى خۇشال-خورام، ئىناق-ئىتىپاق، غەرەزسىزئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپلەر، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگېسى، چېلىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلار ئاللىقاچان ئۇنتۇلغان، ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئەستە ساقلاش تۇيغۇسىنىڭ ئەڭ بۇرجەكلىرىدىنمۇ كۆتۈرۈپ كەتكەن ئىدى.

    分享到: