ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-17

    شائىر ئۈگۈتلىرىدىن (شائىر ھاجى ئەھمەد ئاكا بىلەن سۆھبەت)——3 - [رەشىد ماقالىلىرى]

    ئابدۇرەشىد: سىلىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تېمىسى كەڭ، تىلى يەڭگىل، ئويناق بولۇش، كۈچلۈك لىرىكىلىق، ھەجىمى چاققان بولۇش، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى خەلق قوشاقلىرى، مەسەل، چۆچەك، رىۋايەتلەرگە ئالاھىدە يېقىنلىقتەك ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرىدەك كۈچلۈك ئاھاڭدارلىقى، تىلىنىڭ يەڭگىل ۋە ئويناقلىقى، مەسەل، رىۋايەتلەرگە يېقىنلىقى سىلىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن ئالاھىدە ئوزۇق ئالغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. ئۆزىلىرىنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ شېئىرىيەتتىكى مۇشۇ جەھەتتىكى تەجىربىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا؟

    مەن يۇقىرىدىمۇ ئېيىتقان ئىدىم. مېنىڭ ھازىرغىچە ئەدەبىيات دېگىنىم سادىر پالۋان بىلەن نۇزگۇم قوشاقلىرى. مەن بۇلارنى كىچكىمدىنلا يادا بىلەتتىم. مانا تا بۈگۈنگىچە ئۇنىڭدىن ئالغان لەززەتنى ھېچ يەردىن ئالالمايمەن. دېمەكچى بولغىنىم ئەدەبىيات ماڭا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى بىلەنلا ھەقىقى مەنىگە ئىگە بولغاندەك تۇيىلىدۇ. شۇڭىمۇ قوشاقلارنىڭ تىلىدىكى ئويناقلىق مېنىڭ ئىجادىيىتىمگە سڭىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن.

    خەلق قوشاقلىرىدىكى چوڭقۇر پىكىرلەر، گۈزەل شېئىرىي پاساھەت تولىمۇ يۈكسەك. خەلق قوشاقلىرىدىكى ئىخچاملىق ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ۋايىغا يەتكەن. قاراڭ :

    مەن يارنى سېغىنغاندا،

    پۇتۇم ئات قولۇم قامچا.

    مانا بۇ تىل جەۋھىرىنىڭ كۈچى. بۇ تولىمۇ ۋايغا يەتكەن بىر تىل. ياش شائىر ئابلاجان بوۋاقى بىلەن بولغان ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق سۆھبەتتە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن ئىجادىيىتىمنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا يۇقارقى مەزمۇندا بەزى پىكىرلىرىمنى ئېيىتقان ئىدىم. شۇڭا بۇ توغرىدا مۇشۇنچىلىك سۆزلەي.

    ئابدۇرەشىد: ھاجى ئەھمەد ئاكا، سىلى ئىزچىل شېئىرىيىتىمىزدە بارغانسېرى ئازىيىپ كىتىپ بارغان ئارۇز ۋەزىندىكى غەزەل، مۇخەممەس ئىجادىيىتىنى ئىلىپ باردىلا. ۋە كۆپلىگەن كىلاسسىك شائىرلارغا مۇۋەششەھ ۋە مۇخەممەسلەرنى يازدىلا. بۇنىڭدىن سىلىدىكى كۈچلۈك كىلاسسىك شېئىرىيىتىمزگە ۋارىسلىق روھى ئەكىس ئىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايدىلا؟

    مېنىڭدە كىلاسسىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ياندىشىشتا ئۈچ قىتىملىق سىلكىنىش بولدى. دەسلەپتە كىلاسسىكلارغا ھۆرمەت ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش ئىستىكى بىلەن ئوتتۇز پارچە ئەتراپىدا مۇۋەششەھ، مۇخەممەسلەرنى يېزىپ، كىلاسسىك شېئىرىيەتكە يانداشتىم. بۇ شېئىرلىرىم مېنىڭ كىلاسسىك شېئىرىيەتتىن دەسلەپكى ئۆگىنىش ۋە ئۈلگە، سىناق ئېلىشىمنىڭ مەھسۇلى بولدى. بىر مەھەلدىن كېيىن بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزدىكى بەزى بۇرۇقتۇملىقلاردىن زېرىكىپ، ياخشى ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئۈچۈن يەنە كىلاسسىكلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇراجەت قىلدىم. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، خۇمارىمنى باستىم. ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا يەنە ئىلھامدىن ئۇلارغا يانداشتىم. بۇمۇ مېنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىن يەنە بىر قېتىملىق مەقسەتلىك نەپ ئېلىشىم، ئۆزۈمنى تەربىيەلىشىم بولۇپ قالدى.

    ئۆتكەن يىلى يەنى 2009-يىلى يەنە نەۋائىي ھەزرەتتىن بۈگۈنگىچە بولغان كىلاسسىكلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىردىن مسراسىنى ئېلىۋىلىپ ئۇلارغا تەزمىن يېزىپ يانداشتىم. مەندە خەلق قوشاقلىرى بىلەن بىرگە كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى چوققىلارغا بىر خىل كۈچلۈك ھۆرمەت، تېۋىنىش بار. ئۇلاردىن ئۆزۈمگە زوق، لەززەت، روھىي زىلزىلە ئالىمەن. ئۆز ئىجادىيىتىمدە ئۇلارنى ئۈلگە قىلىمەن. شۇڭا بۇ خىل ۋارىسلىق مېنىڭ ئىجادىيىتمدە ئەكىس ئەتتى. مېنىڭچە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز قەلەمكەشلەرنىڭ روھى قۇۋىتىنى تولۇقلايدىغان، زەرەتلەيدىغان بۇلىقى. ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئىجادىيلىق ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشتىكى مۇقەررەر جەريان.

    ئابدۇرەشىد: سىلى شېئىر توغرىسىدا توختىلىپ: «ھەقىقىي شېئىر مۇستەھكەم ئىتىقادتىن تۇغۇلىدۇ، ... ئىتىقاد سىڭدۈرۈلمىگەن شېئىر دەھىرنىڭ مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن قىلغان ئىبادىتىگە، تەرەتسىز ئوقۇلغان نامازغا ئوخشايدۇ.» دېگەن ئىكەنلا. مۇشۇ توغرىسىدا ئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا؟

    بۇ ھەممىمىزگە ئايدىڭ. ئىنساندىكى روھىي سۈزۈكلۈك، مېھىر – مۇھەببەت، ئىرادە – غەيرەت ھەممىسى ئاشۇ خىل يۈكسەك ئەقىدىدىن كىلىدۇ. ئەقىدىسى بولمىغان ئادەمنىڭ نەپرىتى ئېنىق بولمايدۇ. مەۋقەسىز،مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق بولمىغان ئادەمدىن، ئەقىدە ئىتىقادسىز ئادەمدىن ياخشى نەرسىلەرنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس. ئىنساندا ئىتىقاد، يۈكسەك ئەقىدە بولغاندىلا كىشى ئۈچۈن ئاڭلغۇدەك ياخىشى نەرسىلەر چىقىدۇ. ئىتىقاد يۈكسەك ئەقىدە بولمىسا ئۇنىڭدىن مەۋقەسىز، مەدھىيۋازلىق، قۇللۇققا تەۋە نەرسىلەر چىقىدۇ.

    ئابدۇرەشىد: سىلى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق قارايلا؟ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن رازىمۇ سىلى؟

    ئەدەبىياتىمىزدا ھەممە ئېيىتقاندەك 80-يىللاردا ئويغىنىش، سىلكىنىش بولغان. ئەدەبىياتمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرى جانلىنىپ خىلى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئەدەبىياتىمىز بىر خىل تۇرغۇنلۇق، كىرزىس ئۈستىدە تۇرماقتا. قەلەمكەشلىرىمىزدە دادىللىق، يۇقىرى ئىجادىي قىزغىنلىق تۆۋەنلەپ كەتتى. بازار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرىدە  نەشرىياتلار بازارغا يۈزلىنىپ قالدى. بۇ توغرىدا مۇنداقلا بىر نەرسە دەپ قويغۇم يوق.

    ئابدۇرەشىد: ياش قەلەمكەشلەرنىڭ ئىجادىيىتگە قانداق قارايلا؟ ئۇلاردىن نېمىلەرنى كۈتىلا؟ ئۇلارغا نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلىلا ۋە تەكىتلەيدىلا؟ سىلىچە ئىجادىيەتتە بەدئىي ماھارەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى قايسى؟

    ياش قەلەمكەشلەردىن كۈتىدىغىنىم ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشنى بوشاشتۇرماسلىق. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىشىنى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، كىلاسسىك پىشىۋالاردىن، دەۋىرداشلىرىدىن ئۆگۈنۈشىنى تەۋسىيە ۋە تەشەببۇس قىلىمەن. ئۇندىن باشقا، ياشلار ئۆزىدىكى تالانتنى، بەدئىي دىتنى بايقاشقا ماھىر بولىشى كېرەك. تالانت بەزى ئادەملەردە ئەسلىدىن بولىشى مۇمكىن. گەپ ئۇنى بايقاش ۋە جارى قىلدۇرۇشتا.

    ئىجادىيەتتە بەدئىي ماھارەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى يەنىلا ئۆگۈنۈش. بىر ياخشى ئادەم، ياخشى بىر قەلەمكەش داۋاملىق ئۆگىنىدۇ، داۋاملىق ئىزدىنىدۇ. شۇندىلا يالغۇز بەدئىي ئىجادىيەتتىلا ئەمەس، ئىجتىمائىي ھاياتتىمۇ مۇكەممەلىككە، يۈكسەكلىككە يىقىنلاشقىلى بولىدۇ.

    ئابدۇرەشىد: بولىدۇ. بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. سالامەتلىكلىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا قارىماي شۇنچە مول مەزمۇنلۇق سۆھبەت ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكلىرى ئۈچۈن چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت، ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن. ئىجادىيىتلىرىگە بەرىكەتلەر تىلەيمەن.


    收藏到:Del.icio.us