ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-17

    شائىر ئۈگۈتلىرىدىن (شائىر ھاجى ئەھمەد بىلەن سۆھبەت)_1 - [رەشىد ماقالىلىرى]

    شائىر ئۈگۈتلىرىدىن (شائىر ھاجى ئەھمەد ئاكا بىلەن سۆھبەت)

    سۆھبەت ئىشتىراكچىلىرى : ھاجىئەھمەد كۆلتېگىن، ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    رەتلىگۈچى: ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    ۋاقتى : 2009-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى

    رەتلىگۈچىدىن ئىلاۋە : بۇ يىلقى قىشلىق تەتىلدە پىلانىم بويىچە قەشقەر ئەدىبلىرىدىن ئابلا ئەھمىدى، ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، نۇر روزى، تاھىر تالىپ قاتارلىق پىشقەدەم بەش ئەدىبنى زىيارەت قىلماقچى بولدۇم. نۇر روزى ئاكىنىڭ سالامەتلىگى يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇمكىن بولمىدى. تاھىر تالىپ ئاكىمىز بىلەن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرۈشەلمەي قالدىم. ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكىمىز بىلەن بولسا ئالاقىلىشەلمىدىم. ئابلا ئەھمىدى ئاكىمىز يېقىندا مۇسىبەتلىك بولۇپ قەدىناسىدىن ئايرىلغانلىقى سەۋەبلىك ۋە ئۆزىنىڭ ئۆزرىسى بىلەن بى رەسمىي زىيارەتتە بولدۇم. تەلىيىمگە شائىر ھاجى ئەھمەد ئاكىنىڭ قىزى تېرىشچان ساۋاقدىشىم ساجىدە ھاجىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشى بىلەن ئۇستاز شائىرىمىز ھاجى ئەھمەد ئاكا سالامەتلىكىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىگە قارىماي مېنىڭ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلدى. ئەدىبنىڭ ئۆيىگە 22-يانىۋار سەھەردە دېيىشكەن مۇددەتتە يېتىپ بېرىپ قورۇنۇش ئىچىدە ئىشىكىنى چەكتىم. ئەمما شائىرنىڭ كىچىك پىئىل خۇلقى، مەسئۇلىيەت ئۇرغۇپ تۇرغان سۆزلىرى مېنى تېزلا دادىللىققا، ئازادىلىككە ئىگە قىلدى. شۇنداق قىلىپ شائىرنىڭ ئايالى ۋە باللىرىنىڭ كەڭ داستىخانلىرىدىن بەھىر ئالغاچ، شائىرىمىزنىڭ قەلىب داستىخانىدىكى ئۈگۈتلىرىدىنمۇ بەھىر ئالدىم. شۇڭا شائىرىمىزنىڭ ئۈگۈتلىرىنى، قەلىب سۆزلىرىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە رەتلەپ چىقتىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى زىيارىتىم بولغاچقا بەزى تەرەپلەردە تازا ئەتراپلىق بولمىغان، شائىرىمىزنىڭ قەلىب ئۈنچىلىرىنى دېگەندەك يورۇتۇپ بېرەلمىگەن بولىشىم مۇمكىن. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزدا ۋە شائىرنى تەتقىق قىلىشىمىزدا مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. بۇ يەردە ئالدى بىلەن شائىرىمىزغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

     

    ئابدۇرەشىد: ھاجى ئەھمەد ئاكا، سىلىنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، شېئىرىيەت نەزىرىيەسى، پروزىچىلىقى، دىراممىچىلىقى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى يولىدا تۆككەن ئۈنسىز قان-تەرلىرى ئۈچۈن خەلقىمىز ھەرقاچان رەھمەت ۋە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلىدىن ئۈگۈت ئىزدەپ، ئاتىلار سۆزلىرىنى ئاڭلاش ۋە سىلى بىلەن دىدارلىشىش ئۈچۈن زىيارەتكە كەلدىم. سىلىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ ماڭا شۇنداق بىر دىدارلىشىش پۇرسىتى بەرگەنلىكلىرىگە چىن  دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئالدى بىلەن سىلى قاچان، قەيەردە، قانداق ئائىلىدە تۇغۇلغان؟ دەسلەپكى تەربىيەلىنىشلىرى ۋە ئائىلە مۇھىتلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا؟

    بۇ توغرىدا ئىلگىرى ياش شائىر ئابلاجان بوۋاقى ۋە كىرورەن ژورنىلىدىكىلەرنىڭ تەلىپى بىلەن يېزىپ چىقىپ ئىلان قىلغان ئىدىم. (بۇ توغرىدا مەن يەنە باشقا ھايات ئەسلىمىلىرى بىلەن قوشۇپ «قالدى ئىز يۇلغۇن قىزارغان دالىدا» دېگەن تېمىدا كىتاب قىلىپ ئېلان قىماقچى بولىۋاتىمەن.)

    مەيلى سۆھبىتىمىزنى يەنىلا شۇنىڭدىن باشلايلى :

    1942-يىلى 9-ئاينىڭ بېشى چىلگە شال ئورمىسىدا قەشقەر شەھەر شامالباغ يېزىسىدا دېھقان ، بابكار ئائىلىسدە تۇغۇلغان ئىكەنمەن. ئەقلىمنى بىلسەم ئائىلىمىز دېھقانچىلىقتىن  بوشىغاندا دادام بۆز توقۇيدىكەن. ھەر بازار كۈنى شۇلاردىن تەييار بولغانلىرىنى سېتىپ ئائىلىمىزنى قامدىغان ئىكەنمىز. مەن بالا ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپ، دادامنىڭ بابكارلىق ئىشى ئۈستىدە تۇرۇپ موكىنىڭ ئاۋازىنى سائەتلەپ ئاڭلايتىم. ئاناممۇ ئائىلە ئايىلى بولۇپ، ئىدىتلىق ئايال ئىدى. قولى بوشىسىلا دوپپا تىككەچ خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتاتتى. گاھى كەچلەردە قىزىق – قىزىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپمۇ بېرەتتى. دادامنىڭ ئاۋازى تولىمۇ ياخشى. ياز كۈنلىرى بولسا دادامنىڭ خامان بېشىدىكى لاي-لاي ناخشىلىرىنى ئاڭلايتىم. ئائىلىمىزدە شۇنداق بىر ئادەت بار ئىدى، ھەر كۈن ئەتىگەنلىكى دېرىزىنى ئېچىۋىتىلىپ ئۆينىڭ ھاۋاسى ئالمشتۇرىلاتتى. ياز بويى باغ -ۋاران ھويلىلاردىن گۈل ھىدى ئۇرۇپ تۇراتتى. ئانام خولۇم - قوشنىلارنىڭ قىزلىرى ھويلىغا كىرسە ئۇلارغا گۈل ئۈزۈپ قىسىپ قوياتتى. (ئۆزۈممۇ بۈگۈنگىچە ھويلىغا كىرگەنلەرگە گۈل قىستۇرۇپ قويىمەن.)

    ئەمدى ئويلىسام ئاشۇ كىچىكلىكىمدىكى ئائىلە مۇھىتىم، رىتىملىق موكا ئاۋازى، ئانامنىڭ ناخشىلىرى، كەچلەردىكى قىزىقارلىق چۆچەكلەر مېنىڭ ئەدەبىياتقا جۈملىدىن شېئىرىيەتكە قىزىقىپ قىلىشىمغا تەبئىي بىر خىل شېئىرىي مۇھىت ھازىرلاپ بېرىپ، ئانام، دادامنىڭ ماڭا ئۈنسىز سېڭدۈرگەن تەسىرى ئەدەبىياتقا كىرىپ كەپتىمەن. ئېسىمدە قىلىشىچە بالا چاغلىرىمدىلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى نۇزۇگۇم، سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى يادا بىلەتتىم.

    ئابدۇرەشىد: ئىجادىيەتلىرىدىكى يېتىلىشتە قايسى ئەدىب ۋە ئەسەرلەر بەكرەك تەسىر كۆرسەتكەن دەپ ئويلايدىلا؟

    مېنىڭ رەسمىي ئەدەبىياتنىڭ نېمىلىكىنى بىلگەن ۋاقتىم بولسا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى (52-53-يىللار) سوۋىت دەرىسلىكى ئاساسىدىكى ئەدەبىيات دەرىسلىكى بولدى. ئۇنىڭدا نەسىردىن ئەپەندى، كىرلوف مەسەللىرى بار ئىكەن. 3-4-يىللىقلاردا  تولىستوينىڭ ھېكايىلىرى بار ئىكەن. دەسلەپ مەكتەپكە كىرگەندە ھېسابقا بەك قىزىقاتتىم. كېيىن ئەدەبىياتقا قىزىقىپ كەتتىم.(شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكىدەك ئەدەبىياتنىڭ ئادىمىگە ئايلىنىپ كەتتىم.) ئاشۇ ۋاقىتلاردا بىر ساۋاقدىشىم سىنىپقا «پولات قانداق تاۋلاندى» نامىلىق ئەسەرنى ئېلىپ كەپتۇ. ئۇ كىتاب سىنىپىمىزدا تالاش - تارتىش بوپ كەتتى. بۇ كىتاب مېنى ناھايىتى ئۆزىگە تارتىۋالدى. كېيىن بىر دوستۇم بىلەن ئۆزۈم ئاتا-ئانام بەرگەن ۋە ئىشلىگەن پۇللاردىن ئالتە مو يېغىپ شەھەرگە كىرىپ شۇ كىتابنى سېتىۋالغان ئىدۇق.  ئاشقان پۇلغا كىتاب ساتقۇچى ئايالدىن «بۇنىڭغا يەنە كىتاب كىلەرمۇ؟» دەپ سورىسام يەنە بىر كىتاب بەردى. شۇنداق قىلىپ ئۆزۈم تۇنجى بولۇپ كىتاب سېتىۋالدىم.

    شۇنىڭدىن كېيىن يېنىمغا پۇل كىرسىلا كىتاب سېتىۋالدىغان بولدۇم. باشلانغۇچنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىدىن باشلاپ زۇنۇن قادىرى، كىرلوفنىڭ مەسەللىرىگە تەقلىدى قىلىپ مەسەللەرنى يېزىپ باقتىم. بۇلار بەك ئىپتىدائىي بىخلار ئىدى. كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن بىر قىسىم شېئىرلارنى يېزىپ باقتىم. بۇ مەزگىلەردە يېزىقچىلىققا ھەۋەس قىلىدىغان ھەۋەسكار بالىلار بىلەن تونۇشۇپ، پۇشكىن، لىرموتوف، لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرنى ئوقۇپ يۇردۇم.

    ئىجادىيىتىمنىڭ يېتىلىشىگە ئاشۇ يىللاردا بالىلىقىمدا يادلىۋالغان سادىر پەلۋان بىلەن نۇزگۇم قوشاقلىرى بولدى. ھازىرمۇ شۇنداق ئويلايمەن ماڭا شۇ قوشاقلار ئەدەبىيات. كېيىن ئۆمەر مۇھەممىدى، ل.مۇتەللىپلەر، پۇشكىن، لىرمونتوف، ئابدۇللا توقايلار كېيىنكى ئىجادىيىتمىدە ئۈلگە بولدى. ئىجادىيەتتىكى كېيىنكى تەربىيەلىنىش يوللىرىم تولىمۇ ئەگرى-توقاي بولدى.

    ئابدۇرەشىد: ئۇنداقتا، ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئەگرى – توقاي ئىجادىيەتتىكى تەربىيەلىنىشلىرى ۋە كېيىنكى ئىجادىيەت ھاياتلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا؟ بەلكىم بۇ بىر ئەدىبنىڭ ئىجادىيەتتىكى يېتىلىش جەريانىنى ۋە ئۇ سىلىنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشۈنىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ قالغۇسى.

    ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن (1957-يىل) شىنجاڭ ئىنىستۇتىغا ئوقۇشقا باردىم. ئۇ چاغدىكى ئالىي مەكتەپ دەرىسلىكلىرى ئۈچۈن سىلاۋيانچە سوۋىت دەرسلىكلىرىدىن پايدىلىنىدىغان بولۇپ ئوقۇتقۇچى شۇنىڭدىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ سۆزلەپ بېرىدىكەن. سىلاۋيانچىنى مەن قەشقەردە باللىقتا ئۆگىنىۋالغان بولغاچ، مۇئەللىم ماڭا بەزى ماتېرىياللارنى ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇشقا تاپشۇراتتى. 60-يىلغىچە ئىنىستىتۇتتا ئوقۇدۇم. دەسلەپكى ئوقۇش يىللىرى تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولدى. قاچانكى ئىستىل تۈزىتىش باشلانغاندىن كېيىن قېيىنچىلىق باشلاندى. ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلىرىمىز تارتىپ چىقىلىپ تەنقىدلەندى. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ «ئەكسىيەتچىل تەشكىلات بار» دەپ تەنقىدلەر بولدى. ئۇيغۇر ، قازاق ياشلىرىدىن مىرزاھىد كىرىمى قاتارلىق مۇنەۋۋەرلەرمۇ تەنقىدلەندى. كېيىن جاپالىق «پولات تاۋلاش» ھەرىكىتى بولدى.

    مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئۈچ يىللىق ئوقۇش ھاياتى مېنىڭ ئەدەبىياتتىن سىستېمىلىق بىلىم ئېلىشىمغا سەۋەب بولدى. شۇ مەزگىللەردە ئانچە مۇنچە يېزىقچىلىق قىلىپ تۇراتتۇق. 1960-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇنداق يازىدىغانلارنى بىر قىسىم گېزىت - ژورناللار تالاشقان ئىدى. كېيىن خاتا سىياسەت تۈپەيلى نۇرغۇنلىرى تۈرمىدە تۈگىدى. مېنى ئاقسۇغا تەقسىم قىلىۋەتتى. ئاقسۇدا قەيەرگە بېرىشىمنى سورىغاندا قەيەر بولسا مەيلى دەپ ئىپادە بىلدۈردۈم. ئاخىرى  مېنى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ قىزىل دېگەن بىر جايغا كالا ھارۋىسى بىلەن ئەۋەتتى. بۇنى ئەدەبىيات تارىخىغا «باينىڭ قىزىل يېزىسى» دەپ خاتا كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ. يول قۇملۇق، جاپالىق ئىكەن. تەڭ كېچە بولاي دېگەندە قىزىلغا يېتىپ كەلدۇق.

    61-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئاتا-ئانامنى يوقلاپ كەلسەم دەپ ئىلتىماس يازسام بىر ھەپتىلىك رۇخسەت بەردى. قەشقەرگە تولا جاپادا قايتىپ كەلدىم. شۇ ۋاقىتلاردا ئۆپكە كىسىلى بوپ قاپتىكەنمەن. كىلىپ ئىككى ئايلاپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىم. ساقايسام «خىزمەتنى تاشلىۋەتتى» دەپ خىزمىتىمنى بىكار قىلىۋىتىپتۇ. خىزمەت ئورنۇمدا يوتقان – كۆرپە، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، قوليازمىلىرىم ۋە ئۆزۈم يېغىپ ساقلاۋاتقان پۇشكىن، ئايبىك، زۇلپىيە، ئاباي، لىرمونتۇف قاتارلىقلارنىڭ سىلاۋيانچە كىتابلىرى بار ئىدى. مۇشۇ مەزگىلدە يوقاتتىم. باشقىغا ئىچىنمىدىم. ئەمما كىتاب ۋە قوليازمىلرىمنىڭ يۈيۈپ كەتكىنى ماڭا بەك قاتتىق ئەلەم بولدى.

    62-يىلدىن 64-يلىنىڭ كەچ كۈزىگىچە دېھقان بولۇپ ئىشلىدىم. قىغ توشۇدۇم، مەدىكار بولدۇم، ھاشارغا چىقتىم. جۇۋازمۇ ھەيدىدىم. شۇنداق ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ يۈرۈپ ئۇنىمۇ قىلالمىدىم. كېيىن قەلەمكەش، مۇئەللىم دوستلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن قەشقەر دارلىنمۇئەللىمىندىكى ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش كۇرسىدا بىر يىل ئوقۇدۇم. ئىلگىرىكى ئوقۇشۇم ئىناۋەتسىز بولدى. بۇ ئوقۇش جەريانىدا، ئالدىنقى قېتىم يوقۇتۇپ قويغان قوليازمىلىرىمنى ئەسلەپ بەزى ئەسەرلىرىمنى رەتلەپ چىقتىم.(ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم تولىمۇ ياخشى بولغانلىقى بۇنىڭدا ئەس قېتىپ قالدى.)  ئوقۇشتىن كېيىن دەسلەپ قەشقەر گېزىتخانىسىغا بۆلۈنىپتىمەن. ئۇ يەرگە تەييارلىق قىلىۋاتسام، مەكتەپ مېنىڭ شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغىنىمنى ئويلىشىپ، مېنى قەشقەر دارلىنمۇئەللىمىنگە ئېلىپ قېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن 65-يىل كۈزدىن تاكى 68 -يىلغىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم.

    «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ مەنمۇ تەشكىلاتلارغا چېتىلىپ قارىلاندىم. 71-يىلىنىڭ كۈزىدە تاكى «تەربىيلەش سىنىپى» دېگەن سىياسى تەربىيە سىنىپى تاقالغان چاغدىمۇ مېنى سوتلاپ تەنقىد قىلدى. كېيىن سالامەتلىكىم ناچارلىشىپ كەتكەچكە، ئۇلار مېنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىمدىن قورقۇپ قويۇپ بەردى. ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئاز تىنىچىدىم. مەكتەپلەردە دەرس ئۆتۈلمىدى. بۇ مەزگىلدە 2-قىتىم كىتابلىرىم، قوليازمىلىرىمنى بۇلاڭ-تالاڭدا يوقاتتىم. كېيىن يەنە يازغانلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئېسىمدە مەھكەم قالغاچقا ئەسلەپ قايتا ئەسلىگە كەلتۈردۈم. بىر قىسمى يوقالغان بولدى. كېيىن ئوقۇشمۇ باشلاندى. ئۇ ۋاقىتتا بالىلار ماڭا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. دەرىسخانىدا بالىلارنىڭ سۇئاللىرى ماڭا بىر مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدۇردى. ئۇلارغا پايدىلانغۇدەك بىر نەزىرىيە كىتاب تېخى مەيدانغا كەلمىگەن ئىدى. كىلاسسىك شېئىرىيەت نەزىرىيەسىگە ئائىت كونا قوليازمىلار نەشر ئېتىلمىگەن بولۇپ، بالىلارمۇ ئۆزلىرى ئېغىز ئېچىپ شۇنداق بىر كىلاسسىك ئەدەبىيات شېئىرىيەت نەزىرىيەسىگە ئائىت بىر قوللانما تۈزۈپ چىقىشىمنى تەلەپ قىلىشتى. بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، كىلاسسىك ئەدەبىياتى توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىش نىيىتىگە كىلىپ، ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق «دېڭىزدىن ئۈنچىلەر»، «ئۇيغۇر شېئىرىيتى توغرىسدا» قاتارلىقلارنى يازدىم ۋە دەرىسخانىدا بالىلارغا سۆزلىدىم. دەل شۇ ۋاقىتتا بۇنى قەشقەردە ئېچىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرىسى مەسئۇللىرى بىلىپ، ئالدىمغا كەلدى ۋە ئۇنى بالىلارغا تارقىتىش ئۈچۈن ئەيسا شاكىر ۋالىينىڭ قوللىشى بىلەن 80-يىلى قەشقەر گېزىتى باسمىسىدا باستۇرۇپ تارقاتتى.

    شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمدا بىر قەدەر تىنچ ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتتىم.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • تولىمۇ ئەھمىيەتلىك سۆھبەت بوپتۇ
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复بەرگىيە说:
    تەشەككۈر! كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا! بىلوگىڭىزنى يوقلاپ كەلدىم. ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ ئۇتۇق يار بولسۇن!
    2011-04-19 23:31:15