ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-17

    شائىر ئۈگۈتلىرىدىن (شائىر ھاجى ئەھمەد ئاكا بىلەن سۆھبەت)——2 - [رەشىد ماقالىلىرى]

    ئابدۇرەشىد: سىلى ئىجادىيەت ھاياتىلىرىدا ئومۇمەن قايسى بۇرۇلۇشلار ياكى قايسى باسقۇچلار بولدى دەپ ئويلايلا؟

    مېنىڭچە، 58-يىلدىن 60-يىلغىچە بولغان يىللار ئوتتەك ئەدەبىياتقا قېزىقىپ كەتكەن ۋە ئۆزۈمگە نىسبەتەن دەسلەپكى بىر پەللە ياراتقان دەۋرىم بولدى. بۇ ئۈچ يىلنىڭ سەۋىيەسىگە تاكى 78-يىلغىچە يېتەلمىدىم. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە گەرچە ئىزچىل قەلەم تۇتۇپ كەلگەن بولساممۇ، باشقا قەلەمكەشلەرگە ئوخشاش ئىجادىيەتتە ئىلگىرلەش بولمىدى. 79-يىلدىن 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىغىچە كېيىن ئازراق تىنىۋىلىش ئىمكانىيىتى بولۇپ، بالىلارنىڭ تەلىپى ۋە تۈرىكىسى بىلەن يۇقارىقى «دېڭىزدىن ئۈنچىلەر» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1983-يىلى)، «ئۇيغۇر شېئىرىيتى توغرىسدا» دېگەن كىتابلار ۋە «چېچەك»، «بىر گۈزەلگە»، «نۇزگۇم» قاتارلىق شېئىر، باللادالارنى يېزىپ چىقتىم. بۇ ۋاقىتتا شېئىرىيەتتىن باشقا يەنە «نۇزگۇم»،  «سادىر پالۋان» دىراممىلىرىنى يازدىم . بۇ دىراممىلار قەشقەردە ئوينىلىپ جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىلىپ كەتتى. بۇلار يەنە شىنجاڭ خەلق رادىئوسى، قەشقەر خەلق رادىئوسىدا ئاڭلىتىلدى. بۇ يېڭى بىر كۆتۈرۈلۈشنىڭ ئىپادىسى بولدى.

    96-يىللاردىن بۈگۈنگىچە بولغان مەزگىلنى بىر باسقۇچ دەپ قارىسام بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەك كۆپ ئىجادىيەت قىلالمىدىم. بۇ مەزگىلدىكى ئىجادىيىتىم جانلىق تەسەۋۋۇرغا بىرلەشتۈرۈلگەن ھايات ھېكمىتى، پەلسەپىۋى پىكىر سىڭدۈرۈلگەن رۇبائىي ئىجادىيتى بولدى. رۇبائىيلار توپلىمىم نەشر قىلىندى. ھازىر 2-رۇبائىيلار توپلىمىم نەشرياتتا. بۇ مەزگىلدە يەنە بىر مۇنچىلىغان بىر پۈتۈن ھاياتىمدىكى ئەھمىيەتلىك بولغان كارتىنىلار، قىزغىن سۆھبەتلەرنى، ئىلمىي مۇتالىئەلەرنى مەزمۇن قىلغان ئەسلىمىلەرنى يازدىم. 58-يىلدىن 2008-يىلغىچە بولغان 50يىللىق ئجادىيەت ھاياتىمنى خۇلاسىلىدىم. بۇ توغرىدىكى خۇلاسەم «توغراقنىڭ چۈشى»(شېئىرلار)، «يۇلتۇز بىزار ئۇيقۇدىن»(شېئىرلار، داستان، باللادالار. ماۋزۇنى باشقىلار قويغان)، «ھايات سەھىپىلىرى»(ھېكايە، پوۋسىت، نەسىر، ئىككى دىرامما)، «قالدى ئىز يۇلغۇن قىزارغان دالىدا»(بېشى ئىلمىي ماقالىلەر ۋە ئەسلىمىلەر)، «ئاتەش قەلىب ئالتۇن ئەقىل»(مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى مەشھۇر كىشىلەر ھاياتى – تەزكىرە ئەدەبىياتى، دېڭىز ئۈنچىلىرى، زىيائى قاتارلىق ئالىملىرىمىز ھەققىدە) قاتارلىق 5 توم كىتاب قىلەپ رەتلەندى. يەنە بەزى نەرسىلەر چۈشۈپ قاپتۇ. بەلكىم بۇلارنى 6-توم قىلىپ رەتلىشىم مۇمكىن.

    ئابدۇرەشىد: سىلى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغىلى ئەللىك يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدىلا. جەمئىي قانچە پارچە ئەسەر  يازدىلا؟ ئۇلارنىڭ كاتالوگى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ مەتبۇئاتتىكى ئەھۋالى، باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغانلىق ئەھۋالى ۋە مۇكاپاتقا ئىرىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا؟

    قانچىلىك ئەسىرىم ئىلان قىلىندى بۇنى ئۆزۈممۇ ئىنىق بىلمەيمەن. مۇكاپاتلىنىش مەن ئۈچۈن ئۇنچە مۇھىممۇ ئەمەس. چۈنكى ھەقىقى مۇكاپاتنى خەلق قەلبىدە بەرسە، سېنى شائىر دەپ بىلسە شۇ كۇپايە. يەنە بىرى مېنى بەكرەك خۇشال ۋە مەمنۇن قىلىدىغىنى، بالىلار ئۈچۈن يازغان بالىلار ئەسەرلىرىمدىن «ئالما كۆچىتى»، «لەگلىكىم»، «مومام گۈزەل پەرىزات»، «كىتاب»، «سوقۇشقاق چۆجىلەر»، «توخۇ بىلەن ئۆردەك»، «قاراغوجا»، «ئاتا مېھرى»، «نەسىردىن ئەپەندى بالىلار ئارىسىدا»، «ھاياتقا مۇھەببەت»، «ھەسەل ۋە ھەسەل ھەرىسى»، «كۆز يېشى ۋە كۈلكە» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىر، مەسەل، ھېكايە، نەسىرلىرىمنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلىشى بولدى. چۈنكى بۇ ئاددى ئىش ئەمەس. ئەۋلاتلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە پايدىلىق، شۇنىڭغا يارىغان بولسا، ئاشۇ ئەسەرلىرىمدىن ئەۋلاتلىرىمىز روھى ئوزۇق ئېلىپ، روھى ساغلام، قەلبى پاكىز بولۇپ يېتىلسە مەنمۇ خۇشال بولىمەن. شۇنداقلا قەلەم تۇتقىنىمغا رازى بولىمەن. ئەسەرلىرىمنىڭ تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالىغا كەلسەك، بۈگۈنگىچە خەنزۇچە، موڭغۇلچە، قازاقچە بەش ئالتە پارچە ئالماناختا، خەنزۇچە ژورناللاردا بىر قىسىم شېئرلىرىم، ھېكايە، نەسىرلىرىم باشقىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان بولدى. (بۇ يەردە ئەسەرلىرىمنى باشقا تىللارغا تونۇشتۇرغان ئاشۇ مىھنەتكەش تەرجىمانلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن).

    ئابدۇرەشىد: ھاجى ئەھمەد ئاكا، سىلىنىڭ شېئىر ئىجادىيەتلىرى بىلەن بىرگە يەنە شېئىرىيىتىمىزنىڭ نەزىرىيەسىگە ئائىت يازغان «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىمۇ ئىنتايىن قەدىرلىكتۇر. بۇ كىتابچە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرى، شەكىل فورمىلىرى، قاپىيە قائىدىلىرى شۇنداقلا، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى لېرىك شېئىر، ئىپىك شېئىر، ۋەزىنلىك شېئىر ۋە ئەركىن شېئىر قاتارلىق تۈرلەر توغرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە بىر قەدەر كونكىرىت تونۇشتۇرۇش ئىلىپ باردى. بۈگۈنكى كۈندە گەرچە بۇ كىتابچە ئىلان قىلىنغىنى توپتوغرا 30 يىل بولغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ جەھەتتە بىر يىگانە ئەسەر بوپ كەلمەكتە. سىلىنىڭ بۇ ئىلمىي ئەسەرنى يېزىشتىكى سەۋەب ۋە جەريانلار بىلەن يۇقىرىدا تونۇشۇپ ئۆتتۇق. ئوتتۇز يىل ئاز ۋاقىت ئەمەس. سىلى بۇ توغرىسىدا يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىپ بېقىشنى ئويلىدىلىمۇ؟ شېئىرىيەت نەزىرىيەسىگە قانداق قارايلا؟

    شۇنداق، بۇ ئىلمىي ئەسەرنىڭ مەيدانغا كىلىشى يۇقىرىدا تىلغا ئىلىپ ئۆتكىنىمدەك ئالاھىدە ئەھۋالدا يەنى بالىلارنىڭ تەلىپى بىلەن تەييارلانغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن بىرگە كىلاسسىك ئەدەبىيات، شېئىرىيەت، ئەدەبىي ئىجادىيەت قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدا يەنە ئىزدەندىم. «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسدا»(قاراماي ئەدەبىيات – سەنئىتى 1981-يىل 3-، 4-سان)، «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ ۋەزىن ھەم قاپىيە شەكىللىرى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا ژانىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى»(«بۇلاق» 1981-يىل 3-سان)، «ماقال – تەمسىللەر ۋە ئۇنىڭ يازما ئەدەبىياتتىكى رولى» ناملىق ماقالىلارنى يازدىم. يەنە ئەھمەد زىيائى، مۇھەممەد پەيزى قاتارلىقلارنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى توغرىسىدا توختالغان بەزى ماقالىللەرنى يازىدىم. مۇھەممەترېھىم ھاجى تۇرسۇن بىلەن بىرگە «كىتاب ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىل) دېگەن بىرلەشمە توپلامنى چىقاردىم. بەزى سۆھبەتلەردە بۇ توغرىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

    مەن بىر شائىرغا، ئەدەبىيات ئەھلىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، نەزىرىيە تەتقىقاتى، شېئىرىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەڭ مۇۋاپىق-ۋاجىپ كىلىدىغان بىر ئىش دەپ قارايمەن. چۈنكى قەلەم ئىگىلىرى ئىجادىيەتنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. يەنە كىلىپ ئۇلاردا ئەدەبىياتنىڭ ماھىيىتى، نەزەرىيىسىگە مەسئۇلىيەت بولىشى كېرەك. نەزىرىيە ھەم قەلەمكەشنىڭ ئىجادىيىتىگە يېتەكچى بولىدۇ. بىزدە كۆپچىلىك شائىرلار، قەلەمكەشلەر بۇ ساھەگە دىققەت قىلمايۋاتىدۇ. ئەدەبىيات، شېئىرىيەت، پىروزا توغرىسىدا كۆز قاراىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە نىسبەتەن، مەنمۇ بىر ئوقۇغۇچى، تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۇ توغرىدا ئويلىنىمەن.


    收藏到:Del.icio.us