• قوللانچى: پارول:

سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «كىنو-تېلېۋزىيە پاراڭلىرى» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

بۈگۈن قىزىم ئىككىمىزيۇقۇرى باھابەرگەن كارتۇن فىلىم-«Oseam»

ئۇزۇن بولۇپتۇ بلوگىمدىكى ئەنئەنىۋي پاراڭ تېمىسىدىن بىرى بولغان نادىر كارتۇنلارنىڭ گېپى توختاپ قالغىنىغا، بۈگۈن قىشلىق كانىكۇلغا قويۇپ بىرىلگەنلىك خۇشاللىقىدا قىزىم ئايقۇت بىلەن بىرگە بىرمۇنچە كارتۇنلارنى كۆرىۋەتتىم، شۇنداقلا ئارىسىدىن كورىيە كارتۇن فىلىمى «Oseam» نى تاللاپ، كۆپچىلىككە تەۋسىيە قى ...

مەن ئەسەرلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كارتۇن فىلىم شېركەتلىرنىڭ بىرى-Pixar

ماڭائوخشاش كارتۇن فىلىم ھېرىسمەنلىرى ئۈچۈن پېكسارPixarشىركىتىنىڭ نادىر كارتۇن فىلىملىرى ناتونۇش بولمىسا كېرەك. Pixar كارتۇن فىلىم خىزمەتخانىسى(Pixar Animation Studios) بىزگە ھازىرغا قەدەر«ئويۇنچۇقلارھېكايىسى»،«نىمونى ئىزدەش»،«ئاپتۇمۇبىللارھېكايىسى» قاتارلىق نادىركارتۇن فىلىملەرنى تەقدىم ئېتىپ، ي ...

بالىلىق دەۋرىمىزگە مەزمۇن قاتقان يەنە بىرئېسىل كارتون«خەپ توختاپتۇر،توشقان!»

ئاجايىب يەڭگىل ۋە يۇمۇرىستىك ئىشلەنگەن بۇ كارتون فىلىم ئەينى يىللىرى بىزنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرۇشىمىزگە نائىل بولغان ئىدى.كارتۇن فىلىمنىڭ نامى ۋە فىلىمدىكى كلاسسىك ئىبارە بولغان «خەپ توختاپتۇر،توشقان!»بىرمەزگىل ھەرخىل ۋارىيانتلاردا مودا گېپىمىزبولۇپ قالغان ئىدى.ئېسىمدەقېلىشىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئو ...

ئۆسمۈرماركونىڭ ئانىسىنى ئىزدىشى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايەيادىڭىزدىمۇ

نادىر كارتۇن فىلىملەرنى ئەسلەش ۋە تونۇشتۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتىمەن. بۈگۈن نۆۋەت ئىتالىيىلىك كىچىك دوست ماركوغا كەلگەندەك قىلىدۇ.ئېسىمدە قىلشىچە«ماركونىڭ ئانىسىنى ئىزدىشى»ناملىق بۇ كارتۇن فىلىمنى 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىداشىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان. كارتۇن فىلىم52قىسىم بول ...

مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدەۋاتقان كارتۇن فىلىم-«مېم»

خىلى ۋاقىتلاردىن بىرى مەن ئىزچىل تۈردە دېرىكىنى قىلىۋاتقان بىر كاتۇن فىلىم بار، ئۇ بولسىمۇ ياپونىيىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارتون فىلىمى -«مېم».  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بالىلىق مەزگىللىرىنى باشتىن كەچۈرگەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «مېم» ...

بالىلىقىمىزدىكى يەنە بىرنادىر كارتون «قارىغۇچاشقاننىڭ ھېكايىسى»

بالىلىق مەزگىللىرىمىزدە ئۇچراشقان كارتون فىلىملەرئىچىدە ئەڭ بۇرۇن كۆرگەنلىرىمىزنىڭ بىرى دەل سابىق چېخ-سلوۋاكىينىڭ «قارىغۇچاشقاننىڭ سەزگۈرەشتىسى» بولسا كېرەك. مەزكۇر كارتون فىلىم ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا مىقىياسىدىكى كلاسسىك ،نادىر كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

فىرانسىيىلىك«بارباپاپا»لاريادىڭىزدىمۇ؟

بلوگىمدا يېڭىدىن بىر بالا سەھىپە پەيدا بولۇپ قالدى.»كارتۇن دۇنياسى»ئاتلىق بۇ سەھىپە بۇندىن كېيىن كارتۇن فىلىم مەستانىلىرىغا ئازغىنە بولسىمۇ شاتلىق بىغىشلىشى مۈمكىن.
كارتۇن‏- بىرسىھرىي كۈچكە ئىگە  سەنئەت دەپ قارايمەن، گەرچە يىشىم 30دىن ھالقىغان بولسىمۇ،ھېلىھەم بالا چاغلىرىمدىكى كارتۇن كۆرۈش ھەۋىسىمدىن قالغىنىم يوق. ھازىر پات-پات ئىككى قىزىمغا ھەمراھ بولۇپ،كارتۇن دۇنياسىدىكى ئەشۇ ئوماق ھېكايىلەردىن بىللە ھوزۇر ئالىمەن. ئەلۋەتتە كارتۇن كۆرۈشتىمۇ »نادىر»لىرىنى تاللاپ كۆرۈش بەك مۇھىم.

بىزكۆرگەن نادىر كىنۇلار(1)-ئەشۇقالتىس قەھرىمانلارئوبرازلىرى

ئالدىنقى قېتىم ياپۇنىيە تېلېۋىزيە تىياتىرى «ئاپشاركا پۈشتىكى» ھەققىدە ئەسلىمە يوللىغاندىن كېيىن، يەنە شۇ بالىلىق دەۋرىمىزدە كۆرگەن ،قەلبىمىزدە غايىۋانە قەھرىمانلىق ئىستەكلىرىنى ئۇرغۇتقان ، قىسىقىسى بىزنى ھاياجانغا سالغان بىرقانچە كىنۇلارنى توردىن ئىزدەپ تاپتم ۋە كۆرۇپ چىقتىم. بەلكىم سىزنىڭمۇ بۇ كىنۇلارنى يەنە بىرقىتىم كۆرۇپ باققۇڭىز كېلىپ قىلشىى مۈمكىن ، ئۇنداقتا بىرلىكتە ۋاقىت تونىلى ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ،ئەينى يىللاردىكى كىنۇخانىلارغا قايتايلىمۇ؟

قۇرداشلىرىم ئۇنۇتمايدىغان ئەشۇ ئېسىل فىلىم:«ئاپشاركاپۇشتىكى»

بەلكىم ماڭائوخشاش ئالدىنقى ئەسرنىڭ 80-يىلىنىڭ ئۆپچۆرىسىدە تۇغۇلۇپ 90-يىللىرىغىچە غۇبارسىزبالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۇزگەن قۇرداشىلارنىڭ خاتىرىسىدە نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەر قالدى .
بولۇپمۇ ئەينى يىللىرى بىز ئوينىغان ئويۇنلار، بىز كۆرگەن ئەشۇ كىنۇلار ئەسلا يادىمىزدىن چىقمايدۇ.
ئەنە شۇ كىنۇلار قاتارىدا سەبىي قەلبىمىزدە سۆيۇملۇك بىر ھېكايە قالدۇرغان بىر كىنۇ –دەل ياپۇنىيەنىڭ 8قىسىملىق تېلېۋىزىيە تېياتىرى«ئاپشاركاپۇشتىكى» بولسا كېرەك.
ئالاھىدە ئاڭلاش ئىقتىدارىغا ئىگە 5ياشلىق ئوماق قىزچاق لىياڭزىنىڭ«سازاڭنىڭ گەپ قىلغىنىنى ئاڭلىدىم» دېگەن چۈچۈك ئاۋازى،مەزكۇز فىلىمدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا بولغان زېرەك ئاپشاركا ئاتىې،يۈرەك-باغرى بولغان قىزىنى تېپىش يولىدا بىزنى ھەقىقىي قايىل قىلغان ،ھەقىقىي ئاتا ئوبرازى-چىيۇجىن تەيلاڭلار خاتىرىمىزدە ھېلىھەم بىللە تۇرۇپتۇ.

83-نۆۋەتلىك ئوسكارمۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى

ئالدىرىغان يولدا قاپتۇ دېگەندەك، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۈن ساناپ، كۈندە بۇ ھەقتە تورئارىلاپ يۈرگەن ئىدىم. نەق شۇ «ئوسكارمۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى» ئىچىلىدىغان كۈنلەردە «دەرىجىدىن تاشقىرى» ئالدىراشچىلىقلار تۈپەيلىدىن بۇ پىلانىم يوققا چىقتى..ھىلىمۇ شۈكرى، توخونىڭ سۈتى بىلەن تۇخۇمنىڭ تۈكىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى تاپقىلى بولىدىغان ئىنتېرنېت بولغاچقابىرنەچچە كۈن كېچىكىپ بولسىمۇ بۇ كاتتاپائالىيەتنىڭ سىن فېلىمى كۆرۈپ چىقتىم.
«ئوسكارئالتۇن ھەيكەل»مۇكاپاتى ھەققىدە بەلكىم ھىچنىمىنى بىلمەيدىغان تورداشلار بولمىسا كېرەك، شۇڭا مەن بۇ ھەقتە توختالماي، بەلكى كېنۇ مەستانىلىرى ئۈچۈن «نان تېگىدىغان» يىرىنىلا يازدىم، قىزىقسىڭىزكۆرۈپ باقارسىز..

«يېمەكلىك تىرىلۇگىيىسى»-تۈركىيىنىڭ ئۈچ نادىركىنۇسى

بۈگۈن شەنبە بولسىمۇ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ خىزمەتلىرى باشلانغانلىقى ئۈچۈن چۈشكىچە ئارام ئالالمىغان ئىدىم، چۈشتىن كېيىنكى ئارام ۋاقتىداتۈنۈگۈن كەچ توردىن چۈشۈرۈپ قويغان تۈركىيە ساپ ھەسىلىدىن يىۋىدىم ،چارچاشلىرىم نەلەرگىدۇ تارقاپ، ئاجايىب بىرخىل گىرىمسەن تۇيغۇلار ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ كېتىپتىمەن..
ھى ھى..سەل تاقا-تۇقا گەپ قىلىپ قويدۇم ھە؟!..مېنىڭ بۇيەردە دەۋاتقىنىم، تۈركىيىنىڭ يەنە بىر نادىرفېلىمى«ھەسەل»(تۈركچە نامى: «بال»)نىڭ گىپى.شۇنىڭ بىلەن تۈركيىلىك داڭلىق رىژىسسۇر سەمىھ.قاپلانئوغلۇنىڭ«يېمەكلىك تىرىلۇگىيىسى»نى تاماملاپ بولدۇم.

خاتىرەمدىكى سەرخىل كىنو-«بۇقاتىل ئۇنچە رەھىمسىز ئەمەس»

فېرانسىيە كېنوچولپىنى Jean Reno باش رول ئالغان كېنولارنى ياقتۇرۇپ كۆرۇپ كېلىۋاتقىنىمغا بىرقانچە يىل بولۇپ قالدى، لېكىن ئۇ رول ئالغان ئەڭ نادىرھېكايە فېلىم«بۇ قاتىل ئۇنچە رەھىمسىزئەمەس»(ئەسلى نامى:«كەسپى قاتىل لېيۇن»)نى مەزكۇر كېنو ئىشلىنىپ 17يىلدىن كېيىن كۆرۇشكەئۈلگۈرۇپتىمەن..
كېنونى كۆرۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ كىنودىكى باش قەھرىمان لېيۇن بىلەن كېچىك قىزچاق ماتىلدانىڭ ھېكايىسى ۋە بۇتېراتىگىيەجەريانىغا ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈلگەن ئىنسان ماھىيىتىنىڭ نازۇك ئاۋازى قەلىبىمنى لەرزىگە سالدى.