Win8 ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى(1) – ئېچىش مۇھىتى سەپلەش
2013/08/31 Win8, تېخنىكا ⁄ جەمئى: 3374 ھەرپ 16 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 722 مىھمان+

Windows8 نىڭ ئانا تىلىمىزنى قوللىشى بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولدى( بۇ يەردە ئانا تىلىمىزنىڭ شەۋكىتى ئۈچۈن مىننەتسىز تۆھپە قوشىۋاتقان بارلىق ئەزىمەتلەرگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئىيتىمىز). Win8 نىڭ رەسمىي نەشىرىنى سىتىۋېلىپ، ئانا تىلنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىۋاتقان كىشىلەرگە ئايانكى، ئۇنىڭدا تېخىمۇ خاسلاشتۇرۇلغان نۇرغۇن ئىقتىدارلار كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. ۋېندوۋس ئەپ دۇكىنىدىكى تالايلىغان ئەپلەرنى خالىغانچە تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
گىپىمىزگە كەلسەك، Win8 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى تەمىنلەنگەن بولسىمۇ ئەمما قوللىنىشچان دېتاللارنى ئېچىش ئىشلىرى تېخى تازا كۆلەملەشمىدى. ئەمدى بىر تۈركۈم ئوت يۈرەكلىرىمىزنىڭ ئىجتىھاد بىلەن ئۈگۈنۈپ، كاتتا لايىھە، ئېلغار دىتاللار بىلەن خەلقارا سەھنىدە ئۆزىمىزگە خاس ئوبراز تىكلىشى مۇھىم ھەم مومكىن بولغان ئىشلاردىن بولۇپ قالدى. شۇل سەۋەبتىن ئۆزىمىز بىر تەرەپتىن ئۈگەنگەچ، ئاددىي دەرىسلىك ۋە ماتېرىياللارنى تەمىنلەش مەقسىتىدە، بلوگىمىزنىڭ Win8 مەخسۇس سەھىپىسىدە WindowsPhone Windows8 ۋە Silverlight قا ئائىت دەرىسلىكلەر تەمىنلىنىدۇ. ئۆزۈممۇ دەسلەپكى ئۈگەنگۈچى بولغاچقا سەۋەنلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈپ تۇرۇلىشى ئېنىق، ئەزىز دوسلارنىڭ تۈزۈتۈش ، تەكلىپ - پىكىرلىرى بولسا ئايىماسلىقىنى، بىلىدىغانلىرىنى ھەمبەھىرلىنىپ، قىزغىن ئۈگىنىش مۇھىتىنىڭ ھازىرلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!

ئىددىيۋىي تەييارلىق

ۋېندوۋس ئەپ دۇكىنىنى ئېچىپ، ئىزدەش كاتاكچىسىگە uyghur دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقايلى! نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك:

ھازىرغىچە ئەپ دۇكىنىدا ئۇيغۇرسوفىت شىركىتى چىقارغان ئىككى دانە ئەپ بار ئىكەن.

كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەپ دۇكىنىدا ھازىرغىچە ئاران ئىككى ئۇيغۇرچە ئەپ دېتالى بار ئىكەن. دېمەك، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىمىز تېخىمۇ جىددىيلىك تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزۈم بىر مەزگىل ئۈگىنىش ئارقىلىق ھېس قىلدىمكى: Windows8 ياكى Wphone لارغا ئەپ ئېچىش دېىگۈدەك تەسمۇ ئەمەس ئىكەن. پەقەت ئاچقۇچى VB, C++/C# , JavaScrip تىللىرىنىڭ خالىغان بىرسىنى بىلسىلا ئەپ دىتاللىرىنى ياسىيالىشىغا گەپ كەتمەيدىكەن. مىكروسوفىتنىڭ ئېچىش قوراللىرىدىن Visual Studio 2012, Visual Studio Express 2012 for Win8/Wphone قاتارلىقلار ئىنتايىن قولايلىق بولغان ئېچىش مۇھىتى تەمىنلىگەن بولۇپ، نۇرغۇن كودلارنى بىۋاستە يىزېش ھاجەتىسز، Visual Studio 2012 ئېلگىركى نەشىرلىرىدىن كۆپ پەرىقلىنىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ شەرتسىز ياقتۇرۇپ قىلىشىڭىزغا گەپ كەتمەيدۇ. سىلىشتۇرمىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

win8 ئەپ ئېچىش ۋە ئادەتتىكى ئۈستەل دىتاللىرى ئېچىش سەپلىمە پەرقى

UI كۆرۈنمە يۈزىنى لايىھەلەش ئۈچۈن blender نى ئىشلەتسىڭىز خۇددى فىلەش ئوينىغاندەكلا قولاي ھېس قىلىسىز!

ئېچىش مۇھىتى سەپلەش

تۆۋەندە بىز Win8 ئەپ ئېچىش مۇھىتى تەييارلاش باسقۇچىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى!
ئاۋۋال Visual Studio Express 2012 for Win8 دىتالىنى چۈشۈرۈپ كومپىيوتېرىڭىزغا قاچىلاڭ( سېستىما چوقۇم Windows8 ياكى Windows8.1 بولىشى كىرەك! چۈشۈرۈش ئادرىسى ئاستىدا تەمىنلەندى.)
كومپىيوتېر سەپلىمە تەلىپى:
1.6GHz ياكى ئۇنىڭدىن تىزراق بولغان بىر تەرەپ قىلغۇچ.
1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ.
5.0GB دىن چوڭراق قاتتىق دېسكا بوشلۇقى.
5400RPM لىق دېسكا ئوقۇغۇچ.
1024 768x ئېنىقلىقىدىكى ئىكران.
يۇقارقىلارقى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كەلسە دېتالنى قاچىلىسىڭىزلار بولىدۇ. قاچىلاش جەريانىدا بىر تۈركۈم ئۇچۇرلارنى سورايدۇ، مۇۋاپىق تولدۇرۇڭ. قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئەپ ئېچىش سالاھتى ئېلتىماس قىلىشىڭىز كىرەك. ئادەتتە، ئوقۇغۇچىلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلىسىڭىز ناھايىتى تىزلا ئېچىش رۇخسەتنامىسى بىرىدۇ. ۋاقتىنى كىيىن ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ ئۇزارتسىڭىز بولىدۇ.
يۇقارقىلار بويىچە دېتالنى قاچىلاپ قوزغاتسىڭىزلا ئېچىش مۇھىتى ھازىرلانغان بولىدۇ. قوزغاتقاندىن كىيىن يىڭى تۈر قۇرۇش( 文件/新建项目) نى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. ئاندىن سىز قايسى تىلغا پىششىق بولسىڭىز بىرنى تاللاپ، قۇرۇق بەت(空白应用程序) تىن بىرنى قۇرسىڭىزلار تۇنجى ئەپ تۈزۈشنى باشلايسىز. رەسىمى تۆۋەندىكىدەك:


كىلەر قىتىملىق دەرىسىمىزدە ئاللاھ نىسىپ قىلسا دېتال قوراللىرى ۋە ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇپ، تۇنجى «سالام ئۇيغۇر» ئەپ دېتالىنى تۈزۈپ چىقىمىز!


چۈشۈرۈلمىلەر: Visual Studio Express 2012 for Win8 كومپىيوتېرىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ موشۇ ئۇلانمىدىن چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ.

جەمئىي 16 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 10 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:6 دانە

  1. ئالپبەگ : 2013-يىل08-ئاي31-كۈن17:55:27  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    يا ئاللاھ تەشناباي، ئىلگىرلەش ۋەھشەتقۇ. قارىغاندا C# تىلىدا سۆزلەيدىغان ئوخشىمامدىلا؟ مېنىڭ VB دىن ئازراق ساۋاتىم بارتى، قارىغاندا داۋامىغا قاراپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. كۆپۈنچە كىشىلەر VB غا پىششىق كېلىدىكەن. ئويلۇشۇپ باقسىلىرى.

  2. پالگان : 2013-يىل08-ئاي31-كۈن20:31:11  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! كىلىپلا سىزنى ئاۋارە قىلغۇم كىلىۋاتىدۇ، مومكىن بولسا ئېۋۇ ئوقۇغۇچىلىق ئېلخەتتىن ماڭىمۇ بىرنى ھەل قىلىپ بېرەلەرسىزمۇ ، بىزنىڭ مەكتەپ سېستىمىنى نەشىرىنى كۈتىرىۋاتىمىز دەمدۇ ، ئىشقىلىپ ھازىر قىلغىلى بولمايدىكەن .
    ==================
    مەن بىرەر تىلنى راۋرۇس بىلمىسەممۇ ، c بىلەن vb دىن ساۋادىم با :lol: javaنىمۇ ئۆزۈم ئۆگىنىۋاتىمەن :oops:
    بولسا مۇنۇ win8غا ئەپ ئىچىشنى بىللە ئۆگىنىپ كەتسەك !


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل08-ئاي31-كۈن20:51:40  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئېلىخەت تېپىپ قويدۇم! 496878328 چ چ نومۇرىنى قېتىڭ مەن يوللاپ بىرەي!
      ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بىرەر تىلغا دېگۈدەك پىششىق ئەمەس، ++ C بىلەن #C نى ئاز تولا چۈشىنىمەن. بولسا دېگىنىڭىزدەك بىرلىكتە ئۈگىنەيلى!

  3. ئالپبەگ : 2013-يىل08-ئاي31-كۈن21:15:30  -17قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    بوپتۇ. ++ C بىلەن #C قايسىسى بولسا مەيلى. ئۆگىنىۋېرىمىز. مەنمۇ بۇنىڭ ماتېرىيالىنى تاپقان، لېكىن ئۆگىنىشكە ۋاقىت ئاجرىتالمايۋاتقانتىم، ئۆگىنىدىغانلار بولسا ئادەمگە ئىلھام كېلىپمۇ قالىدىكەن. بىللە ئۆگىنەيلى. 2-قىسىمنى تېزرەك تونۇردىن سۇغارغايلا


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل08-ئاي31-كۈن21:35:47  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      ماقا بېگىم! پالتىنى بىلەپ تەييار تۇرسىلا، چانايمىز ئەمدى ئەپ دېگەننى :lol: (ئاشۇرۇپ چاقچاق)

  4. بىرتال نۇقتا كوم : 2013-يىل08-ئاي31-كۈن23:47:28  -16قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    تىرىشىپ ئۆگۈنۈشنى باشلىساق بولغۇدەكتە ئەمىسە ! :grin:

  5. ئالپبەگ : 2013-يىل09-ئاي01-كۈن13:16:29  -15قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    System Requirements

    Supported operating systems

    •Windows 8 (x64)

    Supported architectures

    •64-bit (x64)
    64لىك سىستېما بولمىسا بولمايدىكەن. مېنىڭ 32لىك ئىدى

  6. ئالپبەگ : 2013-يىل09-ئاي02-كۈن00:17:06  -14قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    2012 VS Ultimate دىمۇ ئاچقىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ. باشلاپ كەتتىم ئەمىسە

  7. ئەلىف : 2013-يىل09-ئاي02-كۈن00:32:49  -13قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى قانداقراق تەشناجان؟
    ئۇزۇن بوپتۇ ئالاقىلاشمىغىلى، ياخشى تۇرغانسىز ؟
    تېمىغا مۇناسىۋەتسىزلا گەپ قىپ كەتتىم ، كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز.


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل09-ئاي02-كۈن06:16:24  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى ھازىر خىلى بوپ قالىدۇ، ئۆتكەندە بەك ئىسسىپ كېتىپ. خام كىسەكلەرمۇ پىشىپ كەتكەنتى…
      راس ئالاقە قىلمىغىلى ئۇزۇن بوپ كەتتى، كەلمەسلا بولدىڭىز بۇياقلارغا! ئۆزىڭىز ياخشى تۇرىۋاتقانسىز؟! ۋاقىت چىقسا يەنە بلوگىمنىڭ خالىغان يېرىگە «مۇناسىۋەتىسز گەپ »قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ جۇمۇ… :cool:

  8. غۇلامجان : 2013-يىل09-ئاي18-كۈن18:02:04  -12قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ھۆرمەتلىك تەشنا ئەپەندىم ھەجەپمۇ تەشنا قىلدىڭز بۇ دەرىسلىككە ، مەن بىرىنچى دەرىسلىكنى شىنجاڭ كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرى تورېدا كۆرگەن ئىدىم، داۋامىنى شۈنچە ساقىلساممۇ چىقمىدى ،شۇنىڭ بىلەن ئىزدەپ يۈرۈپ بۇ يەردىن تاپتىم، رەھمەت سىزگە، ئەمدى يىڭى يىڭى ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۇرۇشىڭزگە تىلەكتاشمەن.


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل09-ئاي18-كۈن18:49:07  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      شۇنچە تەشنالىقتا يۈرگىچە ئۇدۇللا كىرمەي كەپەمگە :razz: … قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!

  9. سۇرەيىش : 2013-يىل09-ئاي23-كۈن19:05:22  -11قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەنمۇ قىزىقىپ قېلىپ ئىزدىسەم 3Rhfs.jpg
    بۇنداق چىقتى لىكىن 安装 نى باسسام مىكروسوفت ئەزالىق نامىڭىز دەيدۇ .
    قىلالمىدىم ياردەم قىلىڭلار.


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل09-ئاي23-كۈن19:47:35  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      ئادەتتە تىزلا قاچىلىناتتى! سىزنىڭ كومپىيوتېرىڭىز قايسى تىلغا تەڭشەكلىك؟ دۆلەت تەۋەلىكىنى جوڭگۇ قىلىپ تەڭشەپ ئاندىن سىناڭ. «مىكروسوفت ئەزالىق نامىڭىز» دېسە تىزىملاتقان ئېلىخەت ئارقىلىنى تولدۇرسىڭىزلا بولىدۇ.

  10. ئۈلپەت : 2013-يىل10-ئاي06-كۈن22:23:40  -10قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    تەشناجان مۇنداق ھۈنىرىممۇ بار دەڭ،قىزىقىپ قالدىم.ھەممە دەرسلىكىڭىزنى كۆرۈپ چىقىمەن،بىلمىگىنىمگە سىز بارغۇ ھە… :mrgreen: :mrgreen:


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل10-ئاي06-كۈن23:23:10  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      ئەمدى شۇ ئاز – تولا ئۈگېنىۋاتىمەن. قىزىققانلا بولسىڭىز بىرلىكتە ئۈگېنىمىز :razz: !

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟