مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 5592 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

دىئابېت كېسىلى بالدۇر بايقالسا، ئۇنى بالدۇر داۋالاپ، كېسەلنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتقىلى، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلەر دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن:

1. تاماق يەپ بولۇپ ئىككى-ئۈچ سائەت ئىچىدە دائىم ئىچى تىتىلداش، قورسىقى ئېچىش، كۆپ تەرلەش، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئازراق بىر نەرسە يېگەندىن كېيىن بۇنداق ئالامەتلەر پەسەيگەنلىكىنى ھېس قىلسا، دەرھال تەكشۈرتۈپ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىقلىتىش كېرەك.

2. تېرىدا دائىم يىرىڭلىق ياللۇغلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەسلىلەن: تۈك خالتا ياللۇغى، چىقان چىقىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە.

3. ئاياللاردا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىپ تەكرار قوزغىلىپ تۇرىدىغان، جىنىسي ئەزاسى قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە.

4. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان مۈچە ئۇچىلىرى نېكروزلانسا.

5. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئىچىدە، كۆپ قېتىم بويىدىن ئاجراش، ھامىلە غەلىتە تۇغۇلۇش، ھامىلە چوڭ تۇغۇلۇش، باش سۈيى زىيادە كۆپ بولۇش قاتارلىق كېسەللىك تارىخى بارلار.

6. قىزىل قان تومۇر قېتىشىش ياكى قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش ئالامەتلىرى بالدۇر كۆرۈلگەنلەر.

7. كۆرۈش سېزىمى ئۇشتۇمتۇت ئاجىزلاپ كەتكەن ھەمدە كېسەل سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلار.

8. بالىلىق دەۋرىدە ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئاستا بولۇش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان، تېنى ئاجىز، ئورۇقلار.

9. ياشانغانلاردا سەۋەب ى ئېنىق بولمىغان ھوشسىزلىنىش، قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇرلىرىدا غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلەر.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.