2-تىپلىق دىئابېت ئېرسىيەت ئامىلى ۋە مۇھىت ئامىلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەسىر قىلىشىنىڭ نەتىجىسى. 2-تىپلىق دىئابېتنىڭ ئېرسىيەتچانلىقى بىرقەدەر يۇقىرى. تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بەزى كىشىلەر سەمرىش، قان بېسىمى يۇقىرلاش ۋە قاندىكى ماي تەركىبى نورمالسىز بولۇش تۈپەيلىدىن، ئاسانلا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان بولدى. بولۇپمۇ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە شەكلىدە ئۆزگىرىش بولغاندا ئېرسىيەت گېنىدىكى ئۆزگىرىش تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتىشەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن دىئابېتنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا بۇ دىئابېتنىڭ ئېرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىدىكى سەۋەب. 2-تىپلىق دىئابېتنىڭ مۇھىت ئامىللىرى ئاساسلىق سېمىزلىك، جىسمانىي ئەمگەك ئاز بولۇش، ھاياجانلىنىش، چارچاش، ھېرىش، سىرتقى زەخمە، ئوپېراتسىيە، تۇغۇت قاتارلىق قان شېكىرىنى يۇقىرىلاتقۇچ سەۋەبلەردۇر. يۇقىرىقى سەۋەپلەر بىمارنىڭ ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىش ئىقتىدارى ۋە بەدەننىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئاخىرى قان شېكىرى يۇقىرىلاپ، دىئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.