2-تىپلىق دىئابېت كېسەللىكى ئاستا باشلىنىدۇ، كېسەلىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر يېنىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا، كېسەللىككە دىئاگنوز قويۇشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەردە گەرچە كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى سېزىلمەي قالىدۇ. كۆپىنچە 40 ياشتىن ئاشقانلاردا كۆرۈلىدۇ، بىراق نۆۋەتتە كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ياشنىڭ چوڭىيىشى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىقلار كېسەللىك پەيدا قىلىشنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرماقتا.
2-تىلىق دىئابېت كېسەللىكىدە ئوخشاشلا ئىنسۇلىن يېتىشمەسلىك مەۋجۇت، شۇنداقلا كېسەللىك بارغانسېرى تەرەققىي قىلىدۇ. ئالتە يىلدىن كېيىن 2-تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان %60 كېسەل ئىنسۇلىن بىلەن داۋالىنىشقا مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.