شېكەر سىيىش كېسىلى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ماددا ئالمىشىش كېسەللىكىدۇر. بۇ كېسەللىك بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ مۇتلەق ۋە نىسپىي ھالدا يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن قەنت، ماي، ئاقسىل، ۋىتامىن، سۇ ۋە ئېلېكترولىتلارنىڭ ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ تىپىك كېسەللىك ئالامىتى، كۆپ يېيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ سىيىش، شۇنىڭدەك كۆرۈنەرلىك ئورۇقلاشتىن ئىبارەت. بۇ، مېدىتسىنادا «ئۈچ كۆپ، بىر ئاز» كېسەللىك ئالامىتى دېيىلىدۇ.
1. ئەرلىك جىسىي ئاجىزلىق: جىنسىي تۇرمۇشى نورمال بولغان ئوتتۇرا ياشلىق سېمىز كىشىلەردە تۇيۇقسىز ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، شۇنىڭدەك نېرۋا يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە تېزدىن سۈيدۈك ۋە قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. شۇڭا، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا جىنسىي ئاجىزلىق كۆرۈلسە، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنى ئويلىشىش لازىم.
2. ئۇزۇن مۇددەت ئىچى سۈرۈش: ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى ئادەتتە نورمال كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئىچى سۈرۈپ كۈنىگە ئون قېتىمغا يېتىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق ئىچى سۈرۈش كۆپىنچە تاماقتىن كېيىن، كېچىدە، تاڭ سەھەردە قورساق ئاغرىماي يۈز بېرىدۇ. يىرىڭ ئارىلاش ياكى سۇيۇق ئىچى سۈرۈش ئارىلاپ يۈز بېرىپ، بەزىدە قەۋزىيەت بىلەن ئارىلىشىپ كېلىدۇ.
3. كىچىك تەرەت نورمالسىزلىشىدۇ: ئادەتتە نورمال كىشىلەرنىڭ سىيىشى تۇيۇقسىز نورمالسىزلىشىپ، سىيگەندە ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىدۇ. شۇنداقلا دوۋسۇننىڭ سىغىمچانلىقى چوڭىيىش، سىيىش ۋاقتى ئۇزىراش، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىپ كېتىشتەك تەتۈر فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
4. غەيرىي نورمال تەر چىقىش: تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئوڭاي تەرلەيدۇ. قىشتىمۇ تەرلەپ چىلىق-چىلىق سۇ بولۇپ كېتىدۇ. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، يۇقىرى مۈچە ۋە گەۋدىدىن كۆپ تەر چىقىپ، تۆۋەنكى مۈچىدىن ئاز تەر چىقىدۇ، ئادەتتە بۇنىڭغا كۆپىنچە خاتا ھالدا ۋېگېتاتىۋ نېرۋا ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش كېسەللىكى دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
5. بەدەن ھالىتى خاراكتېرلىك كەم قانلىق: ئۇزۇن ۋاقىت يېتىپ ياكى كۆپ ئولتۇرۇپ، ئورنىدىن تۇرغاندا ياكى كۆپ ۋاقىت ئۆرە تۇرغاندا تۇيۇقسىز باش قېيىش، كۆزى تورلىشىش، ئايلىنىپ كېتىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
6. ئاغرىمايدىغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى: ئادەتتە يۈرەك مۇسكۇل خىزمىتى نورمال بولغان قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەردە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈرەك رىتىمى بۇزۇلۇپ، يۈرەك مۇسكۇل خىزمىتى تولۇق بولماسلىقتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا يۈرەك زەئىپلىشىپ، يۈرەك مەنبەلىك شوك، ئاغرىمايدىغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى سەۋەبىدىن ھاياتقا تەھدىت يېتىدۇ.
7. كۆز قارىچۇقى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن كىچىك بولىدۇ: ئادەتتە كۆز قارىچۇقىنى تەكشۈرگەندە نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن كىچىك بولىدۇ. قاراڭغۇ ئۆيدىمۇ كۆزى ھېچقانچە يوغىنىمايدۇ. قارىچۇقنى چوڭايتقۇچى دورا ئىشلىتىپ كۆز قارىچۇقىنى چوڭايتقاندىمۇ، يەنىلا نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن كىچىك بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.