1. قان قەنتىنى تىزگىنلەش كېرەك .
2. ھەر كۈنى كەچتە پۇت قىسمى بىلەن پۇت بارمىقى ئارىسىدا قاپارتما بار – يوقلۇقىنى ، زەخمىلەنگەن ياكى تېرە بۇزۇلغان ئەھۋالنىڭ بار – يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ، پۇتنىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلاش كېرەك .
3. پۇتقا قاداق چىقىپ قالسا ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىز بىر تەرەپ قىلماستىن دوختۇرخانىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك .
4. ئاياغ ، پايپاقلار يۇمشاق مۇۋاپىق كېلىشى كېرەك ، بەكمۇ چىڭ ، قاتتىق بولماسلىق كېرەك .
5. قىش پەسلىدە دىيابىت بىمارلىرى ئەگەر گىرىلكا توك كۆرپىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ ئاستىنقى تەرەپ ياكى پۇت قىسمىنى ئىسسىتقان چاغدا ، ئەگەر تېمپېراتۇرا ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئاستنىقى تەرەپتە نېرىپلار پالەچتەك سېزىلىپ ئاسانلا كۆيۈپ يارىلىنىدۇ ، شۇڭا بۇ ئىشلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك .
6. ئادەتتىكى ۋاقىتتا بىمار پۇت قىسمىنى كۆتۈرۈپ بېرىشكە دىققەت قىلسا ئاستىنقى تەرەپ قىسىمنىڭ قان ئايلىنىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.