مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى05-ئاينىڭ07-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1902 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

شىۋېيتسارىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر بىر توپ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ئادەمنى يىغىپ، ئۇلاردىن ھەپتىدە ئۈچ سائەت چېنىشقىشنى، ھەرىكەتنىڭ ئوكسىگېنلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئالتە ئاي داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، ئاندىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى:«ئاكتىپ ئوكسىگېنلىق چېنىقىش گېنلارنىڭ ھەرىكەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، گېن بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«ياغنىڭ تارقىلىش شەكلى، ئېنسۇلىننىڭ ئاجرىلىش ئەھۋالى ۋە قەنت مېتابولىزمىغا مۇناسىۋەتلىك گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىدىكى غەيرىيلىكنىمۇ چېنىقىش ئارقىلىق تۈزەتكىلى بولىدىكەن. گەپنى ئاددىيراق قىلغاندا، دىئابېت كېسىلىنى قوزغايدىغان بىر قىسىم ‹ناچار ۋە بۇزۇلغان گېن›لارنىمۇ چېنىقىش ئارقىلىق تۈزىتىشكە بولىدىكەن، بۇ ئەلۋەتتە Ⅱ تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە بولۇغ خەتىرىنىڭ ئازايغانلىقى، ھەتتا يوقالغانلىقىغا باراۋەر».

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.