دىيابېت ئاغرىقلىرى ئالدى بىلەن بەدىنىدىكى قان شېكىرىنى كونترول قىلغان ئەھۋالدا مېۋە – چېۋىنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە بولىدۇ .
ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹خەلق ››دوختۇرخانىسى دىيابېت كېسەللىكلەر ئامبولاتورىيەسىنىڭ دوختۇرى ماھىرە شاۋكەت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى : مېۋە – چېۋىنىڭ كالىتسىي تولۇقلاش ۋە راكقا قارشى تۇرۇشقا پايدىسى كۆپ . دىيابېت ئاغرىقلىرى مېۋە – چېۋىنى چوقۇم ئىككى تاماق ئارىلىقىدا يېيىشى ، مېۋە – چېۋە يېگەندە ئاساسلىق تاماق مىقدارىنى ئازايتىش لازىم . مېۋە – چېۋە يېيىشتىن ئاۋۋال ئاچ قورساق قان شېكىرىنى ئۆلچىگەندە يەتتىدىن تۆۋەن بولۇشى ، تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىنكى قان شېكىرى 10 دىن تۆۋەن بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ . ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئوخشىمىغان بولغاچقا ، بەزىلەر قەنت مىقدارى تۆۋەن مېۋە – چېۋىنى يېسىمۇ قان شېكىرى تېزلا ئۆرلەپ كېتىدۇ . شۇڭلاشقا دىيابېت ئاغرىقلىرى مېۋە – چېۋىلەرنى تاللىشى لازىم . تاۋۇز ، شاپتۇل ، بۆلجۈرگەن ، مايمۇن شاپتۇلى ، ئۈرۈك تۈرىدىكى مېۋە – چېۋىلەرنىڭ ھەر 100 كىلوگىرامى 40–20 كىلو كالورىيە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلگەچكە ، يېيىشكە مۇۋاپىق . بانان ، ئانار ، نەشپۈت ، ماڭگو قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ 100 گىرام تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى 11~20 گىرامغىچە بولۇپ ، 50~90 كىلو كالورىيە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ . شۇڭا بۇلارنى ئازراق يېيىش كېرەك ، چىلان ، قۇرۇق ئۈزۈم ۋە قوغۇن ، ئۈزۈم قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئىسسىقلىق مىقدارى 100 كىلو كالورىيەدىن يۇقىرى بولغاچقا ، يېرىم سائەتتىلا قان شېكىرىنى تېزلىكتە ئۆرلىتىۋېتىدۇ . شۇڭلاشقا بۇ مېۋىلەرنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك لازىم .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.