مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1125 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

«كىشىلەر دائىم سۈيدۈكتىكى شېكەرنى تەكشۈرۈپ كۆرسىلا دىئابېت كېسىلى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كۆزقاراش مۇكەممەل ئەمەس. دىئابېت بولغانلارنىڭ سۈيدۈكىدە شېكەر بولىدۇ. بىراق سۈيدۈكتە شېكەر بولغانلارنىڭ ھەممىسى دىئابېت كېسىلى ئەمەس، سۈيدۈكتە شېكەر بولمىسىمۇ دىئابېت كېسىلى بولۇشى مۇمكىن. 

سۈيدۈكتە شېكەر بولسىلا، دىئابېت كېسىلى بولىۋەرمەيدۇ. بۇنى جەزمەن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. 

(1) بۆرەك مەنبەلىك شېكەر سىيىش: ئاچ قورساق ۋاقىتتىكى قان شېكىرى ۋە شېكەرگە چىدامچانلىقى نورمال بولىدۇ، جەمەتىدە ئېرسىيەت خاراكتېرلىك بۆرەك مەنبەلىك شېكەر سىيىش، سوزۇلما بۆرەك نەيچىلىرى كىسلاتادىن زەھەرلىنىش، سوزۇلما بۆرەك نەيچىلىرى كىسلاتادىن زەھەرلىنىش، سوزۇلما خاراكتىرلىك بۆرەك ياللۇغى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ھەرخىل تۇغما ياكى ئىككىلەمچى كېسەللىكلەر بار بولسا، بۆرەك نەيچىلىرىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شېكەرنىڭ قايتا سۈمۈرۈلىشىنى ئازايتىدۇ. بۆرەك شېكەر بوسۇغا قىممىتى تۆۋەنلەپ، سۈيدۈكتىكى شېكەر مۇسبەت ئىپادىلىنىدۇ. 

(2) ھامىلدارلىق ۋاقىتتىكى شېكەر سىيىش: ھامىلدار بولغان ئاياللار ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇقى يۇقىرى بولغانلىقتىن، بۆرەك شارچىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئاشىدۇ. شېكەرنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئاشسا، بۆرەكتىكى شېكەر بوسۇغا قىممىتى تۆۋەنلەپ، شېكەر سىيىش كېلىپ چىقىدۇ ھەمدە ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. بۆرەك يېقىن كانايچىلىرى شېكەرنىڭ قايتا سۈمۈرۈلۈشىنى كونترول قىلىپ، سۈيدۈكتە شېكەر بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

(3) ئوزۇقلىنىش خاراكتىرلىك شېكەر سىيىش: ساغلام ئادەملەر شېكەرلىك يېمەكلىكلەرنى تېز سۈرئەتتە ئىستېمال قىلغاندا ئىنچىكە ئۈچەي تېز سۈرئەتتە سۈمۈرۈۋېلىپ، ۋاقتىنچە شېكەر سىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

(4) شېكەر سىيىش: ئاز ساندىكى كىشىلەر كۆپ مىقداردا شېكەر ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ۋاقتىنچە شېكەر سىيىش پەيدا بولىدۇ. جىگەر ئىقتىدارى مۇكەممەل بولماسلىق، ئېرسىيەت خفراكتېرلىك ئىممۇنىتېت كەمچىل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مېۋە شېكىرى ۋە گلۇكوزا قاتارلىق شېكەر تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىپ، شېكەر سىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.