مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1176 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

دۆلىتىمىزدە دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىمەكتە. مۆلچەرلىنىشچە، شاڭخەي شەھىرىدە 200 مىڭ ئادەم مۇشۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسقى 2-تىپلىق دىئابېتتىن ئىبارەت. دىئابېتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇنداق ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى ئېرسىيەت. يەنە بىرى مۇھىت. مۇھىت دېگىنىمىز: ئوزۇقلىنىش ۋە ھەرىكەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىلەر تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئوزۇقلىنىشقا ئېتىبار بېرىدىغان بولدى. ئۆسۈملۈك مېيىنى ئاساس قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ھايۋانات مېيىنى ئاساس قىلغان يېمەكلىكلەرگە ئۆزگەردى. بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى يۇقىرى بولۇپ سېللۇلوزا ياكى گلۇكوزا قاتارلىق ئاددىي قەنت مىقدارى يۇقىرى، پولىساخارىدلار ئاز، ھايۋانات مېيى (تويۇنغان كىسىلاتاسى) كۆپ، دىئابېتنىڭ ئالدېنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئادەتتە تاماقنى بەك كۆپ يېمەكسلىك، مايلىق تاماق يېمەسلىك، سېللۇلوزا، كۆكتات، مېۋە-چىۋە، قارا ئاشلىق تۈرىدىكىلەر ۋە ئورۇق گۆش (توخۇ، ئۆردەك، بېلىق، راك، غاز قاتارلىقلار) نى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.