ئۇنداق ئەمەس. بۇ ھەقتە بىخەتەر بولغان چېگرا يوق. دىئابېت كېسىلىنى كونترول قىلىش ۋە ئەگەشمە كېسەللىكىنى تەتقىق قىلىش مەركىزى ئىلگىرى قان شېكىرىنىڭ ئوتتۇرچە قىممىتى بولغان شېكەرلەشكەن ھېموگلوبىن تەڭپۇڭلۇقى بىلەن ئەگەشمە كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلغان. ئۇلار قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلەپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، ئەگەشمە كېسەللىكنىڭ چىقمايدىغانلىقى توغرىسىدا چەكنىڭ بارلىقىنى تاپالمىغان. ئەگەر شېكەرلەشكەن ھېموگلوبىن قانچىكى تۆۋەنلىسە، كۆز، بۆرەك، نېرۋا قاتارلىق ئەزالاردىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرى شۇنچە كىچىك بولىدۇ.شۇڭلاشقا، قان شېكىرىنى نورمال ھالەتتە ساقلىغاندا دىئابېتنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.