ئۇنداق ئەمەس، 2000 يىل بۇرۇنلا ئىنسانلار دىئابېت كېسىلىنى بىلگەن ھەمدە گرىتسىيىلىك بىر دوختۇر ئىسىم قويغان، لېكىن 1869-يىلىغا كەلگۈچى دىئابېت كېسىلىنى چۈشىنىش ۋە داۋالاش تەرەققىياتى ئىنتايىن ئاستا بولغان. 1889-يىلى لانگېرخانس ئاشقازان ئاستى بېزىدە بىر كىچىك ئارالچىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. لېكىن ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى بىلمىگەن. شۇ ۋاقىتتا ئوسكار. مىنكوۋسكى بىر ئىتنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن بىردەم-بىردەم سىيگەنلىكى ھەم سۈيدۈكىدە شېكەر تەركىبى بارلىقىنى بايقىغان. 1907-يىلى ئىنسۇلىن تېخى بايقالمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىلگىيىلىك بىر ئالىم ئاشقازان ئاستى بېزى ئىچىدىكى بىر خىل ماددىنى ئىنسۇلىن دېگەن سۆز بىلەن ئاتىغان. 1922-يىلىغا كەلگەندە بىر قاتار تەرجرىبىلەر ئارقىلىق ئىنسۇلىن ئايرىپ ئېلىنغان ھەمدە بىر نەپەر دىئابىت بىمارىغا ئىشلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. بۇ بايقاش يۇقىرى قان شېكىرىدىن كېلىپ چىققان ھوشسىزلىق، ئېغىر ۋە خەتەرلىك نۇرغۇنلىغان كېسەللەرنى قۇتقۇزۇپ قالغان.
دىئابېت كېسىلى ئاللىقاچان بىر جاپا-مۇشەقەتلىك تارىخىي باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتى، لېكىن بىز يەنىلا يېڭى ۋە تېخىمۇ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلىغا مۇھتاج.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.