مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1071 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

كۆپ خىل ئامىللار دىئابېت كېسىلىنى كونترول قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. دىئابېت بىمارلىرىنىڭ ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كونتورول قىلمىغاندا، ھاۋا ئۆزگەرسىلا دىئابېت بىمارلىرىدا زۇكام ۋە باشقا كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ ئىككىلەمچى كېسەللىكلەر دىئابېت كېسىلى بىلەن ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسەتكەچكە، دىئابېت كېسىلىنى كونترول قىلىش تەس بولۇپلا قالماي، ئىككىلەمچى كېسەللىكلىرىنى كونترول قىلىشمۇ قىيىن بولىدۇ. دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرىنى قىش كۈنى كونترول قىلىشى بىر قەدەر تەس، ئاساسلىقى قىشتىكى سوغۇق بىمارنىڭ بۆرەك ئۈستى بەز ھومۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم ئادرېنالىن جىگەردە ساقلىنىۋاتقان شېكەرنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ شېكەرنى سۈمۈرۈش ۋە ئىشلىتىشىنى ئازايتىۋېتىدۇ ھەم قان شېكىرىنىڭ يۇقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، دىئابېت بىمارلىرى قىش كۈنى كېسىلىنى كىلىنىكىلىق تەكشۈرتۈش ۋە كونترول قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ياز كۈنىمۇ ئوخشاشلا دىئابېت كېسىلىنى كونترول قىلىشقا سەل قارىماسلىق لازىم.ياز كۈنى ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، بىمارنىڭ ئىچىملىكى ۋە ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىدۇ. ياز كۈنى ھەرخىل مېۋە ۋە ئىچىملىكلەر بازارغا سېلىنىدۇ. بەزى بىمارلار ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، شېكەرلىك ئىچىملىك ۋە مېۋىلەرنى يەيدۇ. بۇمۇ قان شېكىرى يۇقىرىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.