ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ يېڭى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سېمىز ھەم قەنت كېسىلى بارلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ ‹‹قەنت كېسىلى ۋە پەرۋىش›› ژۇرنىلىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا يۈرەك، ئۆپكە ۋە قان تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتكەن 3400 كىشىنى ئۇزاق مەزگىل تەكشۈرۈشىدىن بايقىشىچە، سېمىز ھەم قەنت كېسىلى بار ئاياللاردىن %80كە يېقىنى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، سېمىز ھەم قەنت كېسىلى بار ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 87%كە يېتىدىكەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، سېمىزلىك بىلەن قەنت كېسىلى قوشكېزەك بولۇپ، قەنت كېسىلى يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسىي سەۋەب ئىكەن، سېمىزلىك بولسا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ھەم قەنت كېسىلى يوق ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %34؛ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال، بىراق قەنت كېسىلى بار ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %55؛ قەنت كېسىلى يوق سېمىز ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %67 ئىكەن. سېمىز ھەم قەنت كېسىلى بار ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %87كە يېتىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، قەنت كېسلى پەيدا قىلغان يۈرەك ئاغرىقلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2050 – يىلىغا بارغاندا، ئامېرىكىدا قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرى 48 مىليونغا كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.