مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 983 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

شۇنداق، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قان شېكىرىڭىزنىڭ يۇقىرلاپ كېتىشى سىزنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىڭىزنىڭ يېتەرلىك ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرالماي، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئىنسۇلىنغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 

شۇڭا، سىز كېيىنكى قېتىم ھامىلدار بولمىسىڭىزمۇ بەلكىم يەنىلا دىئابېت كېسىلى بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر تىرىشىپ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىسە، ئۇنداقتا ھەريىلى %5 ئەتراپىدىكى ئايال دىئابېت كېسىلى بولۇپ قالىدۇ. 

ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئادەتتە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدۇ، بىراق ھامىلدارلىق ئاياغلاشقاندىن كېيىن ھەممىلا ئادەمنىڭ ئېغىرلىقى ئەسلىگە كېلىشى ناتايىن، بىر ئايال بىر قانچە قېتىم ھامىلدار بولغان بولسا، بەدەن ئېغىرلىقى ناھايىتى تېز ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئېغىرلىقىنى كېمەيتىش كېرەك. ساغلام بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ھەم كۈندىلىك ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش ھامىلدارلىق مەزگىلىدە پەيدا بولىدىغان دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلىدۇر. 

ئەگەر سىز بالىڭىزنى ئۆزىڭىز ئېمىتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئورۇقلاش پىلانىنى تۈزمەسلىكىڭىز كېرەك. سىقز بالا ئېمىتكەندە ئېھتىياج بولىدىغان ئېنېرگىيە سىز ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدىكى مۇھتاج بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا، سىز بالا ئېمىتىشنى توختاتقاندا ئورۇقلىسىڭىز بولىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.