مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3284 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

2-تىپلىق دىئابېت كېسىلى يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىينىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1985-يىلى پۈتۈن يەر شارىدا 2-تىپلىق دىئابېت بىلەن ئاغرىغانلار 30مىليون كىشى بولسا، 1993-يىلىغا بارغاندا كۆپىيىپ 98 مىليون 900 مىڭ كىشىگە يەتكەن. دەسلەپكى سىتاتىستىكىغا قارىغاندا، 2020-يىلىغا بارغاندا 250 مىليونغا يېتىدىكەن. 2004-يىلى كانادادا 45 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ ھەر تۆتىنىڭ ئىچىدە بىرسى 2-تىپلىق دىئابېت كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ئىكەن. ئەگەر ۋاقتىدا كونترول قىلىنمىسا، 2020-يىلىغا بارغاندا بۇ نىسبەت تېخىمۇ يۇقىرىلايدىكەن. بۇنداق تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلاشنى زادى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ 

1) ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىك: بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۇزۇن مۇددەت تەرتىپلىك ئوزۇقلىنىش، مۇۋاپىق جىسمانىي ھەرىكەت ئارقىلىق چېنىقىش ۋە ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىش لازىم. ئوزۇقشۇناسلار ئېگىزلىكىڭىز، ئېغىرلىقىڭىز ۋە خىزمەت خاراكتېرىڭىزگە ئاساسەن سىزگە ئوزۇقلىنىش سېتكىسى تۈزۈپ بېرىدۇ. كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ماي، ئاقسىلنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغاندىلا، ئاندىن ئارتۇق مىقداردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ مايغا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسىلى بارلار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە كۆرسەتمىسى ئاستىدا قائىدىلىك جىسمانىي ئەمگەك ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، تاتلىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، يىرىك ئاشلىق ۋە تەركىبىدە تالالىق ماددىلار كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، سېمىز كىشىلەر ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش، بىراق دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىش، دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرىگە دىققەت قىلىش لازىم.

2) قاندىكى ماي يۇقىرىلاش: بۇنى يېمەكلىكنى كونترول قىلىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىش ۋە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق تەڭشىگىلى بولىدۇ. 

3) يۇقىرى قان بېسىم: ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش، ھاراقنى چەكلەش، تۇزنى كونترول قىلىش، كالىي ۋە كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق نورماللاشتۇرغىلى بولىدۇ. 

4) ئاز ھەرىكەت قىلىدىغان خىزمەت ئۇسۇلى (شەكلى): ھەرىكەتنى كۆپەيتىش، ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىپ چارچاشتىن ساقلىنىش، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى، تىنىچ ئولتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنلار (مەسىلەن: ماجاڭ، قارات) نى ئوينىغاندا، ھەربىر سائەتتە ئۆي ئىچىدە بىرئاز مېڭىپ ھەرىكەت قىلىش لازىم. 

5) تاماكا چېكىش: تاماكا چېكىش بولسا دىئابېت كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، تاماكىنى قەتئىي چەكمەسلىك لازىم.

2-تىپلىق دىئابېت كېسىلى پەيدا بولۇش خەۋپى بار بىمارلاردا بۆرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى دىئابېت كېسىلى يوقلارغا قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى، تاماكا چېكىدىغان دىئابېت بىمارلىرىنى تاماكا چەكمەيدىغان دىئابېت بىمارلىرىغا سېلىشتۇرغاندا خەتىرى تېخىمۇ چوڭ. 

6) ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە كۆپلۈكى: چوقۇم روھىي كەيپىياتنى تەڭشەش، بېسىمنى يېنىكلىتىش، نورمال ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش. 

7) ۋىتامىنلار يېتىشمەسلىك: بەزى 2-تىپلىق دىئابېت بىمارلىرىدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى ۋىتامىنلار كەمچىل بولىدۇ. تەرتىكىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ۋىتامىنلار مول بولغان يېشىل كۆكتاتلار ۋە سەيلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش لازىم. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.