ئومۇمەن يېرىمىدىن كۆپرەك دىئابېت بىمارلىرىدا تاماقنى كۆپ يېيىش ئالامىتى بولىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى: تاماق مىقدارى بۇرۇنقىدىن كۆپىيىدۇ، ھەتتا ئوخشاش جىنىستىكى، ئوخشاش ياشتىكى، ئوخشاش خىزمەت قىلىدىغانلارغا قارىغاندا تاماق يېيىشى كۆپىيىپ، قورساق ئېچىش روشەن بولىدۇ. بەزىلەر كېسەل بولغاندىن كېيىن قورسىقى بالدۇرلا ئاچىدۇ، تاماق يەپ قورساق پارتلاپ كەتكەندەك بولسىمۇ، يەنىلا تويمىغاندەك سېزىم بولىدۇ. ئادەتتە بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تاماق مىقدارى پەيدىنپەي ئازلايدۇ، جىنسى، يېشى، ھەرىكەت مىقدارى ئوخشاش بولغانلارنىڭ تاماق مىقدارىدا زور پەرق بولمايدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ تاماق مىقدارى تۇيۇقسىز ئېشىپ، ئەكسىچە بەدەن كۈچى ئاجىزلاش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش ئالامىتى كۆرۈلسە دىئابېت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. دىئابېت بىمارلىرىنىڭ تاماقنى كۆپ يېيىشىنىڭ سەۋەبى شېكەر تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلىشى ياخشى بولماسلىقتىن ئىبارەت. شۇڭا، گەرچە بىمار تاماقنى كۆپ يېسىمۇ بىراق بەدەنگە ئىنسۇلىن يېتىشمەي، يېگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ياخشى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىغا، ئاساسلىقى قورساق ئېچىش ۋە تويۇشنى باشقۇرىدىغان مەركىزىي نېرۋىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ، شۇڭا، ئاچلىق سېزىمى شەكىللىنىپ كۆپ يېيىش پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەلنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە يۇقىرىلايدۇ. بۇمۇ قورساق ئېچىپ تاماقنى كۆپ يېيىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.