دىئابېت كېسىلى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرى بولسا ئىنسۇلىن بىلەن داۋالىنىشقا موھتاج، چۈنكى ئاشقازان ئاستى بېزى ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ. بۇنداق تىپتىكى دىئابېت كېسىلىنى ئىنسۇلىنغا تايىنىدىغان تىپتىكى دىئابېت كېسىلى دەيمىز. يەنە بىر تىپتىكى دىئابېت كېسىلى ھەرخىل دورىلارغا موھتاج. ئاشقازان ئاستى بېزى ئاستا-ئاستا ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. دىئابېت كېسەللىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تىزگىنلەشكە ياردىمى بولىدۇ. بۇ تىپتىكى دىئابېت كېسىلىنى ئىنسۇلىنغا تايانمايدىغان دىئابېت كېسىلى دەيمىز. چۈنكى ئاشقازان ئاستى بېزى يەنىلا ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقارغان بولىدۇ.
ئىنسۇلىنغا تايانمايدىغان دىئابېت كېسىلى ئاساسلىق بولسا ئوتتۇرا ۋە ياشانغانلاردا بولۇپ <<دورا>> ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۇ بەلكىم مېڭىنىڭ سۇسىزلىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. سۇ كەمچىللىكى نېرۋا ئۆتكۈزۈش سىستېمىسىنى تورمۇزلايدۇ، بولۇپمۇ قان زەرداپى ھورمۇن سىستېمىسىنى چوڭ مېڭىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك جەريانى بولسا شۇنداق، دەسلەپتە ساقلانغان گلۇكوزىلارنى توسۇپ، شېكەر ۋە ئېنېرگىيىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. ماددا ئالمىشىش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ئۇلارنى سۇغا ئايلاندۇرىدۇ. ھازىرقى ئاساسلىق كۆز قاراش بولسا چوڭ مېڭىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيىنىڭ ھەممىسىنى شېكەر تەمىنلىگەن، مېنىڭ قارىشىمچە بەدەندە سۇ كەمچىل، تۇز ئاز بولسا ئاندىن بۇ ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، پەقەت سۇ ئېنېرگىيىسى پەيدا قىلىش ئۈچۈن سۇ ۋە تۇز كەم بولماسلىقى كېرەك. قاندىكى شېكەر قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبىنى ۋە قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىش ئانچە تەس ئەمەس. ھىستامىن بولسا سۇ ۋە ئېنېرگىيىنى كونترول قىلغاندا غىدىقلىنىشتىن بىر توپ مەزى بېزى ھورمۇنى ماددىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. مەزى بېزى ھورمۇنى ئادەتتە بەدەن ئىچكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ سۇ تەڭشەش قوشۇمچە سىستېمىلىرى ئىچىدە بولىدۇ.
ئاشقازان ئاستى بېزى بولسا ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئارىلىقىدا بولۇپ، ئۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان بەزدۇر. ئۇ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىپلا قالماستىن، يەنە تەركىبىدە ناھايىتى كۆپ مىقداردا ئېغىر كاربونات كىسلاتا تۇزلىرى بولغان سۇ ئېرىتمىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ ئېرىتمە 12 بارماق ئۈچەيگە كىرگەندىن كېيىن، ئاشقازاندىن كەلگەن كىسلاتا بىلەن بىرىكىپ نېيتراللىشىش رېئاكسىيىسى پەيدا قىلىدۇ، E تىپلىق PG بولسا بىرخىل غىدىقلاش خاراكتېرىگە ئىگە ماددا، ئۇ بولسا ئايرىم ئاققان ئاشقازان ئېرىتمىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ ئېغىر كاربونات كىسلاتا تۇزلىرى ئېرىتمىسىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان ئىنسۇلىننى تەبىئىي كونترول قىلىش رولى بار. ئۇ تەڭشەپ قويۇلغاندەك بىر سىستېمىغا كۆپ، يەنە بىر سىستېمىغا ئاز خىزمەت قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئىنسۇلىن كالىي ۋە شېكەر ماددىلىرىنىڭ ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؟ يەنە ئۇ بەزى ئاممونىي كىسلاتالىرى ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سۇ بىلەن شېكەر، كالىي بىلەن ئاممونىي كىسلاتالىرى بىرلىكتە ئىنسۇلىن غىدىقلىغان ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىدۇ. سۇ بولسا ئاسانلا ھۈجەيرە سىرتىدىن ھۈجەيرە ئىچىگە كىرەلەيدۇ. ئىنسۇلىننىڭ بولغانلىقىدىن سۇنىڭ كىرىشى ئازىيىدۇ. سۇسىزلانغان ئەھۋال ئاستىدا ئىنسۇلىن ئەكس تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، ئادەم بەدىنى بولسا تەبىئىي لوگىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇ ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىنسۇلىندىكى سۇنى تەڭشەيدۇ. ئۇ مەزى بېزى ھورمۇنى E ئارقىلىق ئىنسۇلىننى يېتەرلىك تەڭشەپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بىر قىسىم ھۈجەيرىلەردە ئېغىر بولغان سۇسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى توسالغۇغا ئۇچرىغاندا بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، پەقەت چوڭ مېڭىدىن باشقا، سۇسىزلانغان ئەھۋال ئاستىدا چوڭ مېڭە ئىنسۇلىننىڭ توزمۇزلىنىشى ئارقىلىق مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدۇ، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئىنسۇلىنغا تايانمايدۇ: بەدەننىڭ باشقا ئورنىدىكى ھۈجەيرىلەر ئىنسۇلىنغا تايىنىپ نورمال رولىنى ئۆتەلەيدۇ.
پەقەت مۇشۇ ئارقىلىق چۈشىنەلەيسىز. شۇڭلاشقا بىز مۇنداق ھۆكۈم چىقىرالايمىز. ئېغىر بولغان ئاستا خاراكتېرلىك سۇسىزلىنىش كېسىلى ئىنسۇلىنغا تايانمايدىغان دىئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: ئۇنداقتا ئۇ نېمە ئۈچۈن ئىنسۇلىنغا تايانمايدىغان دىئابېت كېسىلى بولالايدۇ؟ چۈنكى بەدەن توختاتماي ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ ھەمدە خىمىيىلىك ماددىلار ئارقىلىق ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ.
پەقەت سۇسىزلانغا ئەھۋال ئاستىدا ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئىنسۇلىن ماددىلارنى ھەزىم قىلىش ئارقىلىق سۇ تەركىبىنى تولۇقلاشتەك مۇھىم رولىنى ئۆتەيدۇ: ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى توسالغۇغا ئۇچرىغاندا ئاشقازان ئاستى بېزى چوقۇم سۇسىزلانغان مۇھىتقا ماسلاشقان بولۇشى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.