تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرى ئاشقازان ئاستى بېزى B ھۈجەيرىسىنىڭ چىدامچانلىق كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. نۇرغۇنلىغان 2-تىپلىق دىئابېت بىمارلىرىنىڭ ئاچ قورساق ۋاقىتتىكى قان شېكىرى نورمال كونترول قىلىنغان ھالەتتىمۇ تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىنكى شېكەر ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. پەقەت ئاچ قورساق ۋاقىتتىكى قان شېكىرىنى ئۆلچەش دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرىنىڭ كونترول قىلىنىش ئەھۋالىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، كلىنكىدا چوقۇم تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىنكى قان شېكىرى ئۆلچىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.