دىئابېت كېسىلى ئېرىسيەتلىك بولىدۇ. دىئابېت بىمارلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ساغلام ئادەملەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىغاندا دىئابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەرئىككىسىلا دىئابېت كېسىلى بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ دىئابېت كېسىلى بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. 1-ۋە 2-تىپلىق دىئابېت كېسىلى ئوخشاشلا ئېرسىيەتلىك بولىدۇ. بۇ، ئېرسىيەتلىك دىئابېت كېسىلىنىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى دىئابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش ئېرسىيىتى. 1-تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە قارىغاندا 2-تىپلىق دىئابېت كېسىلىنىڭ ئېرسىيەتلىك دەرىجىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، لېكىن بۇ، دىئابېت كېسەللىكلىرىنىڭ پەرزەنلىرى چوقۇم دىئابېت كېسىلى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاتا-ئانا ئىككىلا تەرەپ دىئابېت كېسىلى بولغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %20 تىن يۇقىرى بولمايدىكەن. ئادەتتە دىئابېت بىمارلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ دىئابېت كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسى كۆپ، دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئاساسەن چۈشىنىدۇ. يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلسىلا دىئابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولمايدۇ. مۇبادا قاندىكى شېكەر ئازراق يۇقىرىلاپ قالغان بولسا، ئۇلار دەرھال ئامال ئىزدەپ كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ قېلىپلا قالماستىن، بەلكى كېسەللىك بولىدۇ ھەم ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەيمىز. ئەكسىچە دىئابېتنىڭ كېسەللىك ئېرسىيىتى بولمىغانلارنىڭ دىئابېت كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسى ئاز ھەم دىئابېت كېسىلىدىن ساقلىنىشنى بىلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن 2-تىپلىق دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئاسانلا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.