مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1590 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

1-تىپلىق دىئابېت كېسەللىكى كۆپىنچە ياش-ئۆسمۈرلەردە كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك جىددىي باشلىنىدۇ، خاراكتېرى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ. ئۇسساش، كۆپ ئىچىش، كۆپ يىيىش، كۆپ سىيىش، ھارغىنلىق ۋە بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش قاتارلىق كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈنەرلىك بولىدۇ ياكى ئېغىر بولىدۇ. كېتون كېسەللىكلىرى ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا كېتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. 

1-تىپلىق دىئابېت بىمارلىرىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى ئاساسىي جەھەتتىن زەئىپلەشكەچكە، ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىش ئارقىلىقلا بىمارلارنىڭ ھاياتى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.