1.ئاشقازان، ئۆپكە مەنپىيلىكىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولغان دىئابىت كېسىلى.
ئالامىتى: قاتتىق ئۇسسايدۇ، ئاغزى قۇرۇيدۇ، ئۇسسۇلۇقنى كۆپ ئىچىدۇ، تاماقنى كۆپيەيدۇ. قورساق ئاسان ئاچىدۇ، چوڭ تەرەت قېتىۋالىدۇ، كىچىك تەرەت كۆپىيىپ كېتىدۇ، تىلىقىزىل، تومۇرى ئىنچىكە تېز سوقۇدۇ.
داۋالاشتا: مەنپىلىكنى قۇۋەتلەندۇرۇپ بەدەننىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش، قىزىتمىسىنىپەسەيتىپ ئۇسسۇلۇقنى تىزگىنلەش لازىم.
(1) بەش خىل ئۆسۈملۈك سۈيىنى بىرلەشتۇرگەن ئىچىملىك:
نەشپۇت سۈيى، مۇۋەببەل سېپىت سۈيى، نېلۇپەر سۈيى، قومۇش يىلتىزى سۈيى، بىجىقسۇيۇقلۇقى، قاتارلىقلارنى بىرلەشتۇرۇپ داۋاملىق ئىچىپ بەرسە ياخشى ئۈنۈمگەئېرىشكىلى بولىدۇ.
(2) خام گەج 30 گرام، مۇۋەببەل سېپىت 10گرام، گۈرۇچ 50گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاۋۋال خام گەج بىلەن مۇۋەببەل سېپىتنى بىللە قاينىتىپ سۈيىنىگۈرۇچ بىلەن پىشۇرۇپ، كۇندە بىر قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلىبولىدۇ.
(3) تۇرۇپ ۋە بوۋيۈي بېلىقى
تەييارلاش ئۇسۇلى: پاكىز تازىلانغان تۇرۇپ 500گرام، پاكىزە تازىلانغان بوۋيۈي بېلىقى 25گرام. ئىككىسىنى پارچىلاپ بىللە قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كېيىن مۇۋاپىق ياغ ۋە تۇزقوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
(4) ئاچچىق تاۋۇز يىلتىزى تالقىنى ۋە گۈرۈچ:
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاچچىق تاۋۇز يىلتىزى تالقىنىدىن 30گرام قاينىتىپ، شۇ سۇ بىلەن 50گرام گۈرۇچنى پىشۇرۇپ كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە قەنت تەركىبىنى كۆرۈنەرلىكچۈشۈرگىلى بولىدۇ.
(5) خام ئەگرى سۇناي
گۈرۇچ چىلان ئۇرۇقى ئۇمىچى ﻫۆل زەنجىۋىل.
تەييارلاش ئۇسۇلى: خام ئەگرى سۇنايدىن 60گرام، گۈرۇچتىن 100گرام، چىلان ئۇرۇقدىن 10گرام، ﻫۆل زەنجىۋىل 2پارچە ئاۋۋال خام ئەگرى سۇناينى قاينىتىپ سۈيىنى ئېلىپ گۈرۇچنى قوشۇپ قاينىتىپئارقىدىن چىلان مېغىزى ۋە ﻫۆل زەنجىۋىلنىسېلىپ ئۇماچ ﻫالىتىگەكەلگۈچە قاينىتىپ ئۇزۇن مۇددەت ئىچىپ بەرسە قەنىت ماددىسى زور دەرىجىدەتۆۋەنلەيدۇ.
2.مەنپىيلىك ۋە قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولغان دىئابىت كېسىلى...
ئالامىتى: كۆپ ئۇسسايدۇ، ئۇسسۇلۇقنى كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ، ئورۇقلاپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ﻫاسرايدۇ، كۆپ سىيىدۇ، تىلىيۇمران، گېزى ئاز تومۇرى قىلسىمان جانسىز سوقىدۇ.
داۋالاش: مەنپىيلىكىنىتولۇقلاپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
(1) توشقان ۋە پىچەكگۈل شورپىسى
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئاۋۋال توشقاننى سويۇپ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ تاشلاپپاكىزلانغاندىن كېيىن ئادەتتىكىدەك پارچىلاپ پاكىزلانغان 100گرام پىچەكگۈل بىلە شورپاقىلىپ تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە تېزلا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلىبولىدۇ.
(2) ئاق كەپتەر ،پىچەكگۈل شاقاقۇل شورپىسى
تەييارلاش ئۇسۇلى: يېگىدەك پاكىزلانغان ئاق كەپتەر 1دانە، پاكىزلانغان پىچەككۇل 30گرام شاقاقۇل 20گرام، ئۈچنى بىرلەشتۇرۇپ شورپا قىلىپ ئىستېمال قىلىنسايۇقىرقىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
(3) پىچەكگۇل بىلەن گۈرۇچ ئۇمىچى
تەييارلاشئۇسۇلى: پىچەكگۈلدىن 5-60گرام، 150-100گرام، پاكىزلانغان پىچەكگۈلنىپارچىلاپ گۈرۈچ بىلەن قاينىتىپ ئۇماچ قىلىپ كۈندە ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخش بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.