مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2913 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

دىئابىتنىڭ ئىنگىلىزچە قىسقارتىلىپ يېزىلىشى DM، بۇ تاتلىق، كۆپ سىيىش دېگەن مەنىدە. جۇڭيى تېبابىتىدە ئورۇقلاش دېيىلىدۇ. بۇ ئۇسساپ ئورۇقلاش مەنىسىدە. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، دىئابىت ئېرسىيەت ۋە مۇھىت ئامىلىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئورتاق تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك، ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك، ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك كېسەللىك. ئاساسلىق مېخانىزمى بەدەندە ئىنسۇلىننىڭ  ئاجرىلىشى يېتەرلىك بولماسلىق، بەدەننىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ كېتىش سەۋەبلىك قان شېكىرى يۇقىرىلاپ، سۈيدۈكتە شېكەر پەيدا بولۇش، ماي، ئاقسىل، مىنېرال ماددىلارنىڭ ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. بىماردا كۆپ يېيىش، كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا سۇ، كىسلاتا-ئىشقار ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىپ دىئابىتنىڭ ئۆتكۈر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئۇزۇن ۋاقىت كونترول قىلىنمىسا، مېڭە، يۈرەك، نېرۋا، كۆز، بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالاردا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا مېيىپ بولۇپ قېلىش ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.