مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1135 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

سىزنىڭ قان شېكىرى نەتىجىڭىز چىقىپ دىئابېت كېسەللىكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن (سىز ھامىلدار بولمىسىڭىز) دوختۇر سىزگە 1-تىپلىق ياكى 2-تىپلىق دىئابېت كېسىلى دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ.  قان شېكىرى نەتىجىسىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىلسىمۇ، بىراق سەۋەبى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. 

1-تىپلىق ۋە 2-تىپلىق دىئابېتنىڭ پەرقى: ياش ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆلچەم بولسىمۇ، بىراق بۇ مۇتلەق ئەمەس بەزى بىمارلارنىڭ ئائىلىسىدە 2-تىپلىق دىئابېت كېسىلىنىڭ ئېرسىيەت تارىخى بار ھەمدە سېمىز بولسا، ئون ياشتىن كىچىك بولسىمۇ 2-تىپلىق دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىڭىز زىيادە ئېغىر، سېمىز، 50 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن كېسەلگە گىرىپتار بولغان، تۆت كېلوگىرامدىن ئېغىر بالا تۇغۇش تارىخىڭىز بولغان، بۇرۇن ھامىلىدارلىقتىكى دىئابېت، يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي يۇقىرىلاش كېسىلى بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالسىڭىز، دائىم سۈيدۈكىڭىزدە كېتون بايقىلىپ تۇرسا، ئىنسۇلىن بىلەن داۋالاشتىن ئايرىلالمىسىڭىز، ئورۇق ھەمدە 20 ياشتىن بۇرۇن بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز 1-تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىسىز. دىئابېتنى تىپقا ئايرىشتا يەنە تۆۋەندىكىدىن پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ. 

ئاق تەنلىكلەر ئاسان 1-تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئافرىقا، ئامېرىكىلىقلار ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ، ھەمدە ئاسان 2-تىپلىق دىئابېتقا گىرىپتار بولىدۇ. 1-تىپلىق دىئابېت بىمارلىرى 40 ياشتىن ئىلگىرى كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. تەڭ يېرىمى دېگۈدەك 20 ياشتىن بۇرۇن پەيدا بولىدۇ. ئەكسىچە بارلىق 2-تىپلىق دىئابېت كېسىلى 30 ياشتىن ئاشقاندا، يېرىمىدىن كۆپرەكى 55 ياشتىن كېيىن پەيدا بولىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.