مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى05-ئاينىڭ07-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2294 رەت   / مەنبە: توردىن ئېلىندى

ئادەم ئۇخلىغاندا خورەك تارتسا، بەدەننىڭ ئوكسېگىن بىلەن نورمال تەمىنلىنىشىگە توسالغۇ بولۇپ، بەدەندىكى ئىنسۇلىن ھۈجەيرىسىنىڭ ئوكسېگىن بىلەن تويۇنۇشى ۋە ئىنسۇلىننىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ –دە، دېئابىت كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدە خورەك تارتىدىغان ئادەتنىڭ بارلىقىنى سەزسىڭىز، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈڭ ۋە داۋالاشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈڭ. بولۇپمۇ جەمەتىدە دېئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بولسا ياكى سەمىرىپ كەتكەنلەر چوقۇم دىققەت قىلىش لازىم.

ياپونىيەلىكلەر كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك –ئىچمەك جەھەتتە خاس تەدبىر قوللانغان بولۇپ، خورەك تارتىدىغانلار دىيابېت كېسىلى پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەردىن ھەزەر ئەيلەيدۇ، يەنى يېمەك–ئىچمەكتە قەنت مىقدارى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەيدۇ؛ كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ھاراقنى ئاز ئىچىدۇ، مۇمكىن بولسا تاماكا چەكمەيدۇ؛ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئادەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ كەچلىك تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق چېنىقىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.