مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1253 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

دىئابېت كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇش ئانچە تەس ئەمەس. تەس بولغىنى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ دىئابېت كېسىلى بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاش. بەزى ئالامەتلەر كۆرۈلسە دىئابېت كېسىلىنى ئېنىقلاپ چىقىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارا كېرەك:

(1) جەمەتىدە دىئابېت كېسىلى تارىخى بارلار. 

(2) سېمىزلەر، بولۇپمۇ ئەسلى سېمىز بولۇپ ھازىر ئورۇقلاپ قالغانلار، ماغدۇرسىزلانغانلار. 

(3) ئۈچ كۆپ، بىر ئاز ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر. 

(4) كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقانلار. 

(5) تېرىسى قىچىشقانلار، تېرىسى زەخمىلىنىپ ئۇزاققىچە ساقايمىغانلار.

(6)ھاراق، تاماكىغا خۇمارى بارلار، بۇنىڭ ئىچىدە تاماكىنىڭ دىئابېت كېسىلىگە بولغان     تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.