2-تىپلىق دىئابېت كېسىلىنى 1-تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىمارنىڭ ئاشقازان ئاستى بەز B ھۈجەيرىسى يەنىلا نورمال ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرالايدۇ، شۇنداقلا ئىنسۇلىننى كۆپ مىقداردا ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقرالايدۇ، شۇنداقلا ئىنسۇلىننى كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىش تۈپەيلىدىن قاندىكى ئىنسۇلىن يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. ئىنسۇلىننىڭ ئەڭ مۇھىم رولى قاندىكى شېكەر مىقدارىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت. ئىنسۇلىن ھۈجەيرە دىۋارىدىكى ئىنسۇلىن قوبۇللىغۇچ بىلەن بىرىكىپ، ھۈجەيرە ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قان تەركىبىدىكى شېكەر ئىچىگە كىرىپ ئوكسىدلىنىپ، بەدەنگە لازىملىق بولغان ئېنېرگىيە (ATP) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەگەر ئىنسۇلىن بىلەن ئىنسۇلىن قوبۇللىغۇچنىڭ بىرىكىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا، ھۈجەيرە ئىشىكى ئېچىلالماي قان تەركىبىدىكى شېكەر يۇقىرىلايدۇ، يەنى قاندىكى شېكەر يۇقىرىلىغاندا 2-تىپتىكى دىئابېت كېسەللىكىدە، نورمال مىقداردىكى ئىنسۇلىن ھۈجەيرە ئىشىكىنى ئاچالمايدۇ، بۇ سىگنال تۆۋەندىكى مېڭىگە تەتۈر يېتىپ بارىدۇ، تۆۋەندىكى مېڭە دەرھال ئاشقازان ئاستى بېزى B ھۈجەيرىسىگە قايتىلىما بۇيرۇق يەتكۈزۈپ، كۆپ مىقدارىكى ئىنسۇلىننى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئارقىلىق ھۈجەيرە ئىچىگە كىرگۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان تەركىبىدىكى ئىنسۇلىننىڭ مىقدارىمۇ يۇقىرى ئۆرلىمەيدۇ). بۇنىڭ بىلەن يۇقىرى ئىنسۇلىنلىق قان كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.
2-تىپلىق دىئابېت كېسىلى 1-تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئالدىنقىسى بولسا ئېرسىيەتكە قارىتىلغان. كېيىنكى بولسا بەدەن سۇيۇقلىقى ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكىگە قارىتىلغان. 1-تىپلىق دىئابېت كېسىلىدە بەدەن سۇيۇقلۇقى ئىممۇنىتېت كۈچى نورمالسىزلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. 1-تىپلىق دىئابېت كېسىلى كۆپىنچە 30 ياشتىن ئىلگىرى بايقىلىدۇ. بىمار ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق ھايات كەچۈرىدۇ.
2-تىپلىق دىئابېت كېسىلى دىئابېت كېسەللىكىنىڭ %90 تىنى ئىگىلەيدۇ. كۆپىنچە 45 ياشتىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. كۆپ ساندىكىلەر تاماقنى كونترول قىلىدۇ. ئىنسۇلىنغا تايانماي دېگۈدەك ھايات كەچۈرىدۇ. بۇ قىسقارتىلىپ ئىنسۇلىنغا تايانماسلىق تىپىدىكى دىئابېت كېسىلى دېيىلىدۇ.
2-تىپلىق دىئابېت بىمارلىرىنىڭ ئاشقازان ئاستى بەز B ھۈجەيرىسى ئۇزۇن مەزگىل ئېغىر بېسىمدىن ئاجىزلاپ كېتىدۇ، دەسلەپتە يۇقىرى ئىنسۇلىنلىق قان كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ، كېيىنچە قاندىكى ئىنسۇلىننىڭ قويۇقلىقى نورماللىشىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسۇلىن ئازلاپ، ئىنسۇلىن يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىنىشىچە، 2-تىپلىق دىئابېت كېسىلى بولغان %33 بىمار ئەڭ ئاخىرى ئىنسۇلىن ئارقىلىق داۋالىنىپ قاندىكى شېكەرنى كونترول قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن.
2-تىپلىق دىئابېت كېسەللىكىدە ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىق تۈپەيلىدىن قاندىكى شېكەر يۇقىرىلايدۇ. قاندىكى شېكەر يۇقىرىلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئۇلار چوڭ قان تومۇر كېسەللىكلىرى (يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇر تىقىلمىسى، مېڭىگە قان چۈشۈش) ۋە قىل قان تومۇر كېسەللىكلىرى (مەسىلەن: بۆرەك كېسەللىكى، كۆرۈش تور پەردە كېسەللىكلىرى) دىن ئىبارەت. بەزى بىمارلار مېيىپ بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.