مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3091 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

دىئابىت ئاغرىقلىرىدا دەسلەپكى مەزگىلدە كۆرۈلىدىغىنى كۆپ قوزغىلىدىغان كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاش بولۇپ ، بۇنىڭدا بەزىلەردە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ،بەزىلەردە يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئالامىتى كۆرۈlىدۇ . دىئابىت ئاغرىقلىرىدىكى بۇ خىل ئەھۋال قان قەنتىنىڭ دولقۇنلىنىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك . دىئابىت ئاغرىقلىرىنىڭ قان قەنتى داۋاملىق تۇراقسىز بولىدۇ . قاندىكى قەنت مىقدارى ئۆرلىگەندە ، قان سۇيۇقلىقىدىكى ئانئورگانىك تۇز تەركىبى سۈيدۈك قەنتىنىڭ زور مىقداردا چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ ئازلاپ كېتىپ ، توقۇلمىلاردىكى سۇيۇقلۇقنىڭ سىڭىش بېسىمىمۇ مۇناسىپ ھالدا تۆۋەنلەيدۇ . بۇنداق بولغاندا ، دالانچا سۈيىنىڭ سىڭىش بېسىمى كۆز گۆھىرىنىڭ بېسىمىدىن تۆۋەن بۇلۇپ ، دالانچا سۈيى كۆز گۆھىرىنىڭ خالتا پەردىسىدىن كۆز گۆھىرىگە تېشىپ ئۆتۈپ ، كۆز گۆھىرىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ، بۇ چاغدا ئاغرىق يېقىننى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، يىراقنى  كۆرەلمەيدۇ .  ئەكسىچە قان قەنتى تۆۋەن بولغاندا ، قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئانئورگانىك تۇز تەركىبى يىغىلىپ ،توقۇلما سۇيۇقلۇقنىڭ سىڭىش بېسىمىنىمۇ مۇناسىپ ئۆرلىتىۋېتىدۇ . بۇ چاغدا دالانچىلار سۈيىنىڭ سىڭىش بېسىمى كۆز گۆھىرىنىڭ سىڭىش بېسىمىدىن يۇقىرىلاپ ، كۆز گۆھىرىدىكى سۇ تەركىبى كۆز گۆھىرىنىڭ خالتا پەردىسىدىن دالانچا سۇ ئىچىگە ئۆتۈپ ، كۆز گۆھىرىدە نۇر سۇندۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ ، يېقىننى كۆرەلمەسلىك ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاغرىق يىراقنى كۆرەلەيدۇ، لېكىن يېقىننى كۆرەلمەيدۇ . دىئابىت ئاغرىقلىرىدا كۆرۈش قۇۋىتى زەخمىلىنىپ ، نەرسىلەرنى پەرىقلەندۈرەلمەسلىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى قان قەنتىنىڭ داۋاملىق دولقۇنلىنىشى ، كۆز ئالمىسىنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.