مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2840 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىدە ئىسپاتلىنىشچە، 2-تىپلىق دىئابېت كېسەللىكىنىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە پەيدا بولۇش نىسبىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىغاندا يۇقىرى، نامرات رايۇنلارغا قارىغاندا باي رايۇنلاردا يۇقىرى، يېزىلارغا قارىغاندا شەھەرلەردە يۇقىرى، ياخشى يەپ-ئىچىدىغان رايۇنلار ۋە ئىستىمال سەۋىيىى يۇقىرى رايۇنلارنىڭ يۇقىرى ئىكەن. مايلىق، شېكەرلىك تاماقلار، كونسىرۋا ۋە تېز تاماقخانا تائاملىرى، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغان كىشىلەرنىڭ بۇخىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. 1-،2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئافرىقىدا 2-تىپلىق دىئابېت كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى ئىسپاتلانغان. شۇ سەۋەپتىن 2-تىپلىق دىئابېت دۆلەتمەنلەر كېسەللىكى دەپ ئاتالغان. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.