مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1547 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

1-تىپلىق دىئابېت بىمارلىرىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرالمايدۇ، بۇ ئادەتتە ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. 1-تىلىق دىئابېت كېسەللىكلىرى ئىنسۇلىنغا مۇھتاج، چۈنكى ئىنسۇلىن ئوزۇقلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىدە ۋە ساقلىنىشىدا كەم بولسا بولمايدۇ. بۇنداق بىمارلار ناھايىتى ئورۇق كېلىدۇ. ئەگەر ئىنسۇلىن بولمىسا 1-2 كۈننىڭ ئىچىدە دىئابېتلىق ھوشسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئىلگىرى بۇ كېسەللىك IDDM دەپ ئاتىلاتتى، ھازىر 1-تىپلىق دىئابېت كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. 

2-تىپلىق دىئابېت بىمارلىرىدا كېسەل پەيدا بولۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يېتەرلىك ئىنسۇلىن بولىدۇ، لېكىن بەدەن ئىنسۇلىندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ. بۇ ئىنسۇلىنغا قارشىلىق كېسىلى دېيىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان 2-تىپلىق دىئابېت بىمارلىرى يېمەكلىكنى تەڭشەش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق قان شېكىرىنى كونترول قىلىدۇ، بەزىلىرى دورا ئىچىش ئارقىلىق كېسەللىكنى كونترول قىلىدۇ. ئىلگىرى بۇ NIDDM دەپ ئاتىلاتتى. ھازىر 2-تىپلىق دىئابېت دەپ ئاتىلىدۇ. 

2-تىپلىق دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقىلىپ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان بىمارلار ئىنسۇلىننى ئىشلىتىشكە مۇھتاج بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا 2-تىپلىق دىئابېت كېسىلىدۇر. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.