تەربىيە كۆرگەن ئادەمنىڭ 10 ئالاھىدىلىكى

يوللانغان ۋاقتى : 2014-05-30 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 104 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140530-175201-64321371.jpg

1. ۋاقىتقا ئەمەل قىلىدۇ، مەسئۇلىيەتلىك ئىشلارغا كېچىكىشنى باشقىلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ قارايدۇ.

2. گەپ-سۆزگە دىققەت قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ سۆزىگە لوقما سالمايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى تولۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ پىكرى ۋە قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ.

3. مۇلايىم كېلىدۇ، باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلايدۇ.

4. كىشىلەرگە يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىمەيدۇ، ئىللىق، ئىلمىي مۇئامىلە قىلىدۇ.

5. سۆھبەت ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى، پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۆزى باشقىچە پىكىردە بولسا ئۇنى قوپاللىق بىلەن ئەمەس، يوللۇق ئىبارىلەر بىلەن بايان قىلىدۇ.

6. ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدۇ. باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى قەتئىي تەكىتلىمەيدۇ. باشقىلار ئالدىدا كەمتەر بولىدۇ.

7. لەۋزىدە تۇرىدۇ، ۋەدە قىلغان ئىشنى ئامالنىڭ بارىچە بەجا كەلتۈرىدۇ، لەۋزە قىلغان گېپىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىدۇ.

8.باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىدۇ. مەيلى قاچان قەيەردە بولسۇن، ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

9. كەڭ قورساق كېلىدۇ. باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا مەرد ۋە كەڭ قورساق بولىدۇ. ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن دوستلىرى ۋە كەسىپداشلىرى بىلەن ئازارلاشمايدۇ ياكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويمايدۇ.

10. باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. باشقىلار بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلارغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *