ئوچۇق دەرىسنى مۇنداق ئۆتىمىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…… داۋامى ھە…… ئوچۇق دەرس بۈگۈن مانا ئوچۇق دەرس كۈنى بولدى……،سىنىپنىڭ ئارقا تەرىپىدە مائارىپ ئىدارىسى ۋەمەكتەپ رەھبەرلىرى، ھەم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تولدى…… (دىئالوگ) -ساۋاقداشلار،دەرس باشلاندى -چى لى! -ساراڭ مالىـــم! -سالام ساۋاقداشلار ئولتۇرۇڭلار……،بۈگۈن بىز سۆز بىرلىكىدىن پېئىل ھەم جۈملە بۆلەكلىرى توغۇرلۇق سۆزلەيمىز،سىلەر تۈنۈگۈن سۆزلىگەن دەرسلەرنى تەكرار قىلدىڭلارمۇ؟ -قىلدۇق! -ناھايىتى ياخشى،ئۇنداق بولسا سوئال سوراپ باقاي،ساۋاقداش تەلئەت ،سىز جاۋاپ بېرىڭ،ئىسىم دىگەن نىمە؟ -مالىم،ئۇنىڭغا سەمەت تەييارلىق قىلىدىغان بولغانتىغۇ؟ مەن پېئىلغا جاۋاپ بېرىتىمغۇ؟ -ئۆھۈ ئۆھۈ، ئوخشاش ئەمەسمۇ، سىز جاۋاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ؟ -ئىسىم دىگىنىمىز ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارنى چاقىرىدىغان ئىشلىتىدىغان سۆز؟ -ئانچە تولۇق بولمىدى،جانسىز نەرسىلەرنىچۇ؟ -جانسىز نەرسىلەرنى چاقىرساق،ھە دىمەيدىغان تۇرسا…… -ئاپ……،ھە ھە دىگنىڭىز توغرا، قېنى ئىسىمغا مىسال ئېلىڭە -مەمەتجان -يەنىچۇ؟ -مەمەتجان ئالىم -ئولتۇرە……،قېنى بابۇرجان،سىز مىسال دەڭە -مىسال! -ياق،ئىسىمغا مىسال دەڭ -ئىسىمغا مىسال! -ئۇھ،ساۋاقداش بابۇرخان،مىسال ئېلىڭ دىمەكچى مەن…… -ھە……،توخو! -ياخشى،يەنىچۇ -ئىككى توخو! -توخودىن باشقىسىغا…… -ئىككى ئۆردەك! -ئۇھ……،ئولتۇرە سىزمۇ… -سوئال سوراش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن،ئەمسە يېڭى دەرس باشلايلى،بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىمىز،پېئىل،kilara ،سىزدەڭە،پېئىل دىگەن نىمۇ؟ -ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بىرىكمىسى پېئىل دىيىلىدۇ -توپتوغرا،ئۇنىڭغا قانداق سوئال كېلىدۇ؟ -نىمە چاتىقىڭىز؟ -نىمە؟ -ياق مالىم،نىمە چاتىقىڭىز دىگەن سوئال كېلىدۇ دىمەكچى …… -ئۆھۈ ئۆـۈ،توغرا…… سىلىم،سىز تۇرىڭە،پېئىلنىڭ بەش تۈرىنى دەڭ -بۇيرۇق پېئىل،مەجھۇل پېئىل……ھىم…… -يەنىچۇ؟ -كىچىك پېئىل،خۇشپېئىل…… -خاتا بوپ قالدى ھە……،مەن سۆزلەپ بېرەي…… (بىلا بىلا بىلا بىلائبىلا بىلا بىلا) -ساۋاقداشلار چۈشەندىڭلارمۇ؟ ~چۈشەندۇق…… -ياخشى،پەخرجان،پېئىلغا بىر مىسال ئېلىڭە -ئىشىڭنى قىلە! -بۇ……بۇ…… -مەلىم،مەن “ئىشىڭنى قىلە”دەپ مىسال ئالدىم…… -ھە،مۇنداق دەڭە،بۇيرۇق پېئىلغا مىسالچۇ؟ -يوقال! -ھە……،بولدى،ئولتۇرۇڭ…… ئەمدى بىز جۈملە توغۇرلۇق دەرسنى باشلايمىز جۈملە، نىمىدىن تۈزۈلىدۇ؟ كىم جاۋاپ بېرىدۇ؟ تادۇجان ،سىز جاۋاپ بېرىڭ،جۈملە نىمىدىن تۈزۈلىدۇ؟ -بىر مۇنچە خەتتىن…… -ئاپ……،بولدى ئولتۇرۇڭ. جۈملە ئىگە خەۋەر ۋە باشقا بۆلەكلەردىن تۈزىلىدۇ،جۈملە خەۋەر جۈملە،بۇيرۇق جۈملە،سوئال جۈملە،ھېسىيات جۈملە دەپ بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ،جۈملە مەزمۇنغا قاراپ يەنە ئاددىي جۈملە،مۇرەككەپ جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ…… ئەمسە،كىم ئاددىي جۈملە تۈزەپ باقىدۇ،قېىنى كىم، قول كۆتىرىڭلار بالىلار، قورقماڭلار، خاتا بوپ قالسا مەيلى،قول كۆتىرىڭلار، ئەمسە مەن سوراي……ئاۋۇ ئارقىدا ئولتۇرغان پاكىنەك، سىز ھە، سىزنى ھەجەپ كۆرمەپتىكەن بۇرۇن……، سىز مۇشۇ سىنىپتامىتىڭىز؟ -ياق،مەن مائارىپ ئىدارىسىدىن،دەرس ئاڭلىغىلى كەلگەن -ھۇھاھد،مانداق دەڭ……،سەت بوپتۇ (پاراق پاراق پاراق) -قېنى،نازۇكئاي،سىز ئاددىي جۈملىگە مىسال ئېلىڭ -ئىم~قادىر ھاجەتخانىغا كىردى -بولىدۇ……،مەمەجان،سەن بۇنى مۇرەككەپ جۈملىگە ئۆزگەرتكىن -ھىم……قادىر ھازىرغىچە ھاجەتخانىدىن چىقمىدى -ئۇھ……،مۇرەككەپ جۈملە دىدىم -ھازىرغىچە چىقمىغان ئادەم مۇرەككەپ بولمامدۇ مالىم…… -ھە ماقۇلە……،تەلئەت ،سىز بۇنى سوئال جۈملىگە ئۆزگەرتىڭ -ھىم……،ھەي قادىر تېخىچە بولمىدىما؟ -ئاھ خۇدا،ئولتۇرە ،ئۇبۇل،بۇنى بۇيرۇق جۈملىگە ئۆزگەرتىڭ -ماقۇل، ھە قادى، تېزراق چىقـە! -ئەستاغپۇرۇللا،ھە ماقۇلە……، ئەمسە بىز جۈملە بۆلەكلىرىنى ئۈگىنەيلى……،كىم بىلىدۇ،جۈملە بۆلەكلىرىدىن قايسىلار بار -ئىگە ،خەۋەر ، تولدۇرغۇچى، ئىنىقلىغۇچى، تولۇقلىغۇچى -ياخشى ،kilara توغرا جاۋاپ ،قېنى مانىڭغا جاۋاپ بېرىڭ،“بوۋاي كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى”،بۇنىڭ ئىگىسى قەيەردە -دوختۇرخانىدا! -خاتا!،ئۇبۇل سەن جاۋاپ بەر! -قەبرىستانلىقتا! -ئۇھ……،مەن ماۋۇ جۈملىنىڭ ئىگىسى قەيەردە دىمەكچى؟ -شۇ تۈگەپ كەتكەن ئادەم قەبرىستانلىقتا بولار… -ئولتا!كالۋا……ھوي،…… ئولتۇرۇڭ، ئەھمەدجان، سىز جاۋال بېرىڭ -جۈملىنىڭ ئىگىسى…… -ياق،خەۋىرى قايسى -خەۋىرى دوختۇرنىڭ سۆزى “بىمار ياخشى بولالمىدى،ھەي……” -ھەي ھوشو، ئولتۇرە ماڭ ە……، شۈكرى ،سەن جاۋاپ، جۈملىنىڭ خەۋىرىنى قانداق بىلىمىز؟ -ئۈندىدار چەمبىرىكىدىن -ئان……،يوقال ماڭە……،جۈملىنىڭ ئىگىسى بوۋاي، خەۋىرى ۋاپات بولدى، بىلىشتىڭمۇ؟!! -بىلدۇق…… -يەنە بىرنى سورايمەن……،“ھەسەن تۈركىيەنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىدى”، ئىگىسى قايسى؟ قوپە پەخرىي…… -ئىگىسى مۇستاپا سەندال -ئاھ……،خەۋىرىچۇ -خەۋىرى،كىچىلىك كەينىگە سۈرۈلگىنى…… -ئولتا قاپاقباش ……، جۈملىنىڭ ئىنىقلىغۇچىسى قايسى،مۇشۇنى دەڭلا……،بابۇرخان! -بۇنى ئىنىقلىغۇچى مىسرانىم تورى…… -ئان…… (جىرررررىڭ)
-دەرس تۈگىدى،دەرستىن چۈشۈش!! -چى لى! -خوش مالىم!