ئەر رازى خۇدا رازى

يوللانغان ۋاقتى : 2014-03-04 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 480 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140304-105051.jpg

ئەسسلامۇئەلەيكۇم! مىھرى ئاتەش قەلبى گۇلخان سۇيۇملۇك تۇققانلىرىم!
بىر ئايال ئۇچۇن بىر ئەر گۇيا ئۇ بىر تۇپ خاسىيەتلىك دەرەخكە ئوخشايدۇ، بىز ئاياللار شۇدەردخنىڭ سايىسىدا -ياشايمىز، شۇدەرەخكە تايىنىمىز، شۇ بولغاچقىلا بىز خاتىرجەم، مەغرۇرمىز .
سىز گۇل بېقىپ باققانمۇ؟ سىز شۇ دەرىخىڭىزنى، گۇلنى پەرۋىش قىلغاندىن ئارتۇق، چىن مىھىر، پۇتۇن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ياخشى پەرۋىش قىلسىڭىز، ئۇ تېخىمۇ مۇستەھكەم، تېخىمۇ باراقسان، تېخىمۇ غوللۇق ئاينىپ سىزگە شىرىن مىۋىلەرنى- بىرىدۇ. ئەكسىچە سەل قارىسىڭىز، بۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى: ئىككىلا دۇنيادا ياخشىلىق كۇرەلمەيسىز .
قەھرىتان ئايلىرىنىڭ بىر شەنبە كۇنى ئىدى، سىرىتنىڭ ھاۋاسى خۇددى ئىرىدىن دەشنەم يىگەن خوتۇننىڭ چىرايىدەكلا تۇتۇق ئىدى. ئارام كۇنى بولغاچ، كونا ئادەت بۇيىچە قىزلىرىمغا شۇنداق ياخشى كىتاپتىن بىرنى زوق شوخ بىلەن ئۇقۇپ بىرىۋاتاتتىم، ئىشىكنىڭ چىكىلگەن ئاۋازى بىلەن تەڭ ،دوستۇم ھەبىبە كىرىپ كەلدى ،قاراپلا -ئۇنىڭ يەنە جىدەللىشىپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بۇلاتتى، چۇنكى بۇ بىزگە ئۇنچە يىڭىلىق ئىش ئەمەس ئىدى .
مۇشۇنداق ئادەمنىڭ بېغى-بېغىدىن ئۆتكۇدەك قاتتىق سۇغۇقتا، پۇتىدا ساپما كەش، كىيىملىرى يېلىڭ، چاچلىرى چۇۋۇلۇق، شۇنداق ئەسەبى كۇرۇنەتتى.
-كىرە ئاداش، نىم بۇلۇشتۇڭلا يانا؟، قىزلىرىم ياتىقىڭلارغا كىرىپ كىتاپ ئۇقۇڭلا ھە!-دىدىم دوستۇمنىڭ چېچىنى تۇزگەچ. ئۇ يىغىنى باشلىۋەتتى، يىغىسىدىن دېگەن گىپىنىمۇ بىلگىلى بولمايىتتى بىر نىمىلەرنى دەپ ئىرى ئەخمەتنى تىللاۋاتاتتى ،
- باللىرىڭ قېنى؟
- چوڭ ئۆيدە ئاداش…….
ئەستــــاھ! ئاداش نىمانداق تۇگمەيدىغان جدەل بۇ؟ ئەمدى قايسىڭلاردىن چاتاق چىقتى؟ -
- ئەشۇ مەلئۇن!ئۇ ئۆيگە كەلمىگىلى ھەپتە بولغانتى، نەگە بادىڭ دىسەم، نىمە كارىڭ دەۋاتىدۇ، شۇنۇڭ بىلەن جىدەل باشلاندى……-شۇ ئەسنادا يولدۇشۇمنىڭ تۇنۇگۇن ئىشقا كەتكەنچە تېخى كەلمىگىنى خىيالىمدىن كەچتى.
- نەچچە ۋاقتىن بىرى سىنىڭ گىپىڭگە كىرىپ ئولتۇرۇپتىكەنمەن، تۇزۇلۇشتە يوق تېخىمۇ بۇزۇلۇۋاتىدۇ، ھېلىغۇ ئىككى بالىكەن، ئون بالا بولسىمۇ ئولتۇرىدىغان يىرى قالمىدى……
ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئىرى ئەخمەت ناھايىتى ئوبدان بىر ئادەمتى، ئۆزىمۇ قاملاشقان، مىجەزى ئۇچۇق -يۇرۇق، يۇمۇرىستىك، پەندىنمۇ، دىندىنمۇ خېلى ئوبدانلا بىلىمى بار قابىل يىگىت ئىدى. ئىككى -ئۇچ يىل بولدىمىكىن بۇلارنىڭ ئۆيىدە، جەڭگى-جىدەل، غەلۋە – غۇدۇر، تۇگىمەيدىغان بولۇپ قالدى، باللىرىمۇ جىدەلدىن قېچىپ چوڭلار قېشدا تۇرۋېتىپتۇ،-ھەي!…..مۇشۇمۇ بىرئائىلە بولدىمۇ؟ بەئەينى شەيتاننىڭ ئۇۋىسىغۇ ئۇ!
- ئالدىراپ ئۇنداق دېمە ئاداش، باللىرىڭغا قارا، سەۋىر قىل!
- بۇنداق تۇرمۇشتىن جاق تويدۇم، ئاجىرشىپ ئازاتلىققا چىقايچۇ! راھەت بىر كۆرەي!……….
- توۋۋا! بىر ئايال كىشىگە ئۆز ئۆيىدە، يولدىشى، باللىرى بىلەن جەم بۇلۇشتىن ئارتۇقمۇ بەخىت، راھەت بارمۇ؟ بۇ جاھاندا!…….بۇ ئۇچۇقلا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن كىپ چىققان قىزىتما ئىدى .
دوستۇمنىڭ مىجەزىنى مەن ئوبدان بىلەتتىم، ئۆزى ئاق كۆڭۇل، كىشىگە يامانلىقى تەگمەيدىغان، ئەمما ئېغىزى ئىتتىك، سەل ھورۇن، رەتسىزراق ئىدى. ھەر قېتىم كۆۇرۇشكەندە ياخشى مەسلىھەت، ياخشى تەربىيلەرنى بىرەتتىم .
توغر ! بىر قولدا چاۋاك چىقمايدۇ، ھەر كىم ئۆز ئەجرىگە لايىق كۇن كۇرىدىكەن .
جاھاندا نۇقسانسىز، مۇكەممەل ئادەم يوق. بىراق كىشىلىك ھاياتتا تىرىشسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش بارمۇ؟
قۇلۇقىغا ياقمىسىمۇ تەربىينى يەنە باشلىۋەتتىم، ئامال يوق! باللىرىنى يىتىم قىلسا بولمايدۇ – دە!
- سەندىمۇ بار ئاداش، كونىلاردا «مىلىڭنى چىڭ تۇت، خوشناڭنى ئوغرى تۇتما» دىگەن تەمسىل بار، دەپ تۇرۇشۇمغا ئىشىكنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، يولدىشىمنىڭ كەلگەنلىكىنى سەزدىمدە، دەرھال ئالدىغا بېرىپ، ئاپتاپتەك كۇلۇپ تۇرۇپ:
ھارماي كەلدىڭىز؟، ناشتا قىلمىغانسىز تېخى؟ – دەپ سورىغاچ چاپىنىنى قۇلىدىن ئالدىم.
- ياق تېخى، – دىگەچ ئۇدۇل تازىلىق ئۇيىگە كىرىپ كەتتى .
توۋۋا ئاداش گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ چايمۇ دەملىمەپتىمەن. -
يولدىشىم قۇلىنى يۇغاچ ھەبىيبەنى كۆرۇپ:
ھەبىبىخان قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى سىزنى؟ – دەپ چىرايىغا قاراپلا جىمىپ كەتتى.
- دادىسى ناشتا قىلىپ بولۇپ ئەخمەت بىلەن كۇرۇشۇپ كىلەلەسىزمۇ؟ – دەپ سورىدىم يېلىنغان قىياپەتتە.
ماقۇل خوتۇن، چۇشكە ئوخشۇتۇپ تاماق قىلىڭلا، تۇنۇگۇندىن بىرى ئېغىزغا تېتىغۇدەك تاماقمۇ يىمەپتىمەن. — دەپ ئۆزىنىڭ كەلمەسلىك سەۋەبىنى سۆزلەپ بەردى…….
- توۋۋا ئادەم دىگەن شۇنداقمۇ ئۆزگىرىدىكەن، ئىلگىرى گەپ سورسىلا تەگەپ قالىدىغان ئادەمتى، ئەمدى ئۆزى دەپ بىرىۋاتىدۇ. بۇ ئېنىقكى، ئاۋال ئۇلۇغ ئاللاھ، ئۇنىڭدىن قالسا تارتقان جەۋىرلىرىمنىڭ ،كۆ رسەتكەن تىرىشچانلىقىمنىڭ ئەجىر مىۋىسى بۇلۇشى مۇمكىن .
ئەمىلىيەتتە ئەرلەر ھەقىقەتەن ياخشىكەن، ئاز ساندىكىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى جەمئىيەت، بەزىلىرىنى ئاغىنە، بەزىلىرىنى خوتۇنى بۇزۇدىكەن. ھەبىبە بۇنىڭ تىپىك مىسالى بۇلالايىتتى.
راست دىگەندەك يولدىشىم، ئەخمەت بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ بۇزۇرۇكۋار خېنىمنىڭ نۇرغۇن نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرىنى ۋە رايى قاتتىق يېنىپ بىر ئۆيدە ئولتۇرغۇسى يوقلىقى قاتارلىق …… سۆزلەرنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ھەبىيبە ئاچچىقتىن يېرىلىپ كىتەي دېدى، يەنە سۆزلەپ كەتتى ….
- ھېچكىم بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى قارىنى كۆرمەيدىكەن، ھەممىسى ئۆزىنىڭ راۋابىنى چالىدىكەن، سىزدىمۇ بار ئىكەن. ھەممەيلەن ئۆيدىن كۇندە ناشتىسىز چىقسا، بالىلارغا مەكتەپنىڭ ئالدىدىن سامسا ئېلىپ يەڭلار دەپ پۇل بەرسە، ئېلىپ يەمدۇ؟ ئەخمەتمۇ بەزىدە چۇشتە ناشتا قىلىمەن، قۇلۇمغا ئېلىپ كىيەي دىسەم پاكىز كىيىمدىن بىرسى يوق، ئىشىكتىن كىرىپ بولغىچە سۇئال -سوراق باشلىنىپ مىڭەمدىن قۇرۇت ئالىدۇ، ئالۋاستىنىڭ ئۆزى، ئۆيگە كىرگۇممۇ كەلمەيدۇ دەيدۇ، ئۆزۇڭلار چاغلارسىلەر!
ئۇ ئۇرنىدىن تۇردىدە؛ «مەن چوڭ ئۆيگە چىقىپ كىرەي» دەپ چىقىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئەرزىيەتلەرنى ئاڭلاپ بولغىچە كەچ بۇپ قاپتۇ.
- ئەخمەتنىڭ ئاچچىقى چىقىپ بولغىچە، بىزنىڭكىدە قۇنۇپ قال، چوڭلارغا دىمەي ياخشى قىپسەن، ئەر – خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى كۆڭۈل ئاغرىقى بىر چۆگۇن سۇدا يۇيۇلغىنى بىلەن چوڭلارنىڭ كۆ ڭلىدىن چىقمايدۇ!ئاداش.
ئەركىشى بىزدەك تۇلا گەپ قىلمىغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇككەن، ھەممىنى يىغىپ قۇيۇپ بىر قېتىمدا خېلى ئوبدان دەيدىكەن، دىققەت قىل ئاداش!. ئىگەم ئاللاھ بىزلەرنى شۇ ئەرلەرنىڭ يىتىم قۇۋۇرغىسىدىن يارىتىپتىكەن، ئېرىمىز شۇ مەدىھىيەگە، كۆيۈنۈشلەرگە لايىق بولسۇن ياكى بولمىسۇن، خۇدايىم ئۇنى ئەر دەپ ياراتقان ئىكەن، بىز چۇقۇم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىمىز، رايىش، سەۋىرچان، خۇش مۇئامىلە بۇلۇپ، ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا ئىنساپ، ھىدايەت تىلىشىمىز كىرەك ئىكەن، ھەممىنى ياراتقۇچى ئاللاھ ،تىلىسە چۇقۇم بىرىدىكەن.
جېنىم ئاداش يانا بىر تىرىشىپ باققىن، ئوبداننىڭ ئوبدىنى يوق، بالىلىرىڭ ئۇچۇن بۇ قېتىم يانا يارىشىۋال ،
مەن ئۆزۇمگە ئادەت قىلىۋالغان بىرقانچە تۇرلۇك ئىشلارنى ساڭا تەپسىلى دەپ بىرەي، شۇ بۇيىچە ماڭساڭ :نەچچە يىل مۇزلاپ قېتىپ كەتكەن يۇرەك بولسىمۇ چۇقۇم ئېرىيدۇ

1) سەھەر تۇرۇپ ئاللاھتىن ئاتا – ئاناڭ، يولدىشىڭ، باللىرىڭ ۋە قان – قېرىنداشلىرىڭغا تىنىچ – ئامانلىق، ياخشىلىق تىلىگىن، ناشتىدىن بۇرۇن بىر قۇشۇقتىن ھەسەل تەڭشەپ ھەممەيلەنگە ئىچكۈز، ناشتىسىز يولغا سالما.

2) يولدىشىڭ ئىشىتىن كەلگەندە تەبەسسۇم بىلەن كۇتۇۋال، ئۇرۇنسىز، ئارتۇق گەپ سورىما، ئۇ ئامراق تاماقنى كۆڭۇل قۇيۇپ مىززىلىك ئەت، ئۆيۇڭنى كۈندە مىھمان كېلىدىغاندەك پاكىزە تۇت .

3) ،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى، بىر تۇققانلىرىنى ئۇزۇڭدىن چارە بىل، ئۇلارنىڭ خاتا بولسىمۇ يۇزىگە گەپ قىلما
ئېغىر بېسىق، ئىللىق چىراي، ئىشچان بولساڭلا ھەر قانچە ئەسكى ئادەم بولسىمۇ، كېيىن ساڭا ياخشى قارايدۇ .

4) يولدىشىڭنى دوستلىرى ئالدىدا چۈشۈرىدىغان ئىشنى، گەپ – سۆزنى ھەرگىز قىلىپ سالما، ئۇنىڭ ياراملىق ، بەك ياخشىلىقىنى ئۇلارغا بىلدۇرۇپ قوي، قانائەتچان بول، كىشىلەر بىلەن مەنىلىك تالاشما ،مۇشۇنچىلىك كۈنۈڭگە شۇكرى قىل.

5) ئۇنى ئۇرۇنسىز كۇنلىمە، قاتتىق ئىشەن، جەمئىيەت دىگەندە تۈرلۈك بېسىم، زىددىيەتلەر بار، بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ قالسا، يېغىرىنى تاتىلىما، تەسەللى بەر، بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا دەپ ياخشى مەسلىھەت بەر، بولمىسا بىلەرمەنلىك قىلىپ بېشىنى ئاغرىتما، بۇيرۇق تەلەپپۇزدا سۆزلىمە.

6) كىيىم – كىچەكلىرىنى يۇيۇپ، دەزماللاپ ئايرىم قوي، ئۆزەڭ ئۆي ئىچىدىمۇ چىرايلىق كىيىنىپ يۇر، سۆزۈڭ تاتلىق، مېغىزلىق بولسۇن، ئانچە – مۇنچە يۇمۇرىستىك، قىزىقارلىق چاخچاقلارنى قىلىپ تۇر، ئۆيۈڭدە كۇلكە سادالىرى ياڭراپ تۇرسۇن، ئۇ گەپ قىلغاندا مېڭىپ يۇرمەي جىم ئولتۇرۇپ، كۇزىگە قاراپ تۇرۇپ ئاڭلا.

7) ،كەچتە بىر كۇن ئىشلەپ ھېرىپ چارچاپ كەلگەن سۆيۈملۈك يولدىشىڭنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورا
بولسا پۇت – قولىنى تۇتۇپ قوي، باشلىرىنى بارماقلىرىڭ بىلەن ئۇۋلاپ قوي، ئەلۋەتتە سەنمۇ چارچايسەن، لېكىن ئائىلەڭنىڭ تۆۋرۇگى بولغان بۇ كىشى ئۇچۇن ھەرگىز زايا كەتمەيدۇ، ئۇنى خوشال قىل، رازى قىل.
بىر ئۇلۇغ كىتاپتا رىۋايەت قىلىنىشىچە: بىر ئايالنىڭ ئېرى شىكارغا چىكەتكەندىن كېيىن پەرزەنتى تۈگەپ
كېتىدىكەن، ئايال سەۋىرچانلىق بىلەن ئېرىنىڭ كىلىشىنى كۇتۇپ ئولتۇرۋاتقان كۇنلەرنىڭ بىر كەچلىگى ئۇ قايتىپ كەپتۇ. ئايالى ھېچ ئىش بولمىغاندەك خوش تەبەسسۇم بىلەن ئالدىغا چىقىپ كۇتۇۋاپتۇ، تاماق ئىتىپ غىزالاندۇرۇپ، يۇيۇندۇرۇپ، قېنىپ بىر ئۇخلاپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن پەرزەنتىنىڭ تۇگەپ كەتكىنىنى دەپتۇ، ئىرى يىغلاپ تۇرۇپ: «نېمىشقا ئىشىكتىن كىرىشىمىگلا دىمەيسەن» دەپ قاخشىغاندا، «سىز نەچچە ئاي تۈزۈك تاماق يىمەي، تۈزۈك بىر ئۇخلاپ باقماي كەلگەن تۇرسىڭىز، مەن بۇ مۇسىبەتنى سىزگە بالدۇر دىگەندىن، ھاردۇقىڭىزنى ئېلىپ بولغاندا ئېيتىشنى توغرا تاپتىم، سىزنى رازى قىلىش مېنىڭ ئەھدىم» دەپتۇ. ھازىر ئىلىم -پەن شۇنچە تەرەققى قىلغان تۇرسا بىز نىمىشقا قەدىمقى كىشىلىرىمىزچىلىك سەۋىرچان، تەقۋادار بۇلالمايمىز؟!
شۇنداق قىلىپ يەكشەنبە كەچ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم، كېيىن يا ئۆزى، يا سۆزى يوق جىمىپلا كېتىشتى، ،بەلكىم ياخشىلىشىپ قالغان چېغى، ئەرىز ئېيتىپمۇ كەلمىدى.
توغرا، ئەر رازى بولغاندىلا خۇدا بىزدىن رازى بۇلىدىكەن.
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممە ئاياللارغا تەۋپىق ھىدايەت ئاتا قىلىپ، جەننەت ئەھلى بولغىلى نىسىپ قىلغاي، ھەممەيلەننى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن ساقلاپ، بالىلارنى تىرىك يىتىم قىلىشتىن، ئەرلىرىمىزنى غەپلەت بېسىشتىن ساقلىغاي، ئامىن!

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *