- قېنى ما مۈشۈك دېگەن ھارامزادە ( يۇمۇر)

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-28 / سەھىپە تۈرى : كومپيوتېر / كۆرۈلىشى : 312 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بىر يىگىت چەتئەلگە چىقىپ كېتىش ئالدىدا ، قىز دوسىتىغا ئۆزىنى ساقلىشىنى ئېيتىپتۇ ، بىر قانچە يىلدىن كىيىن يىگىت قايتىپ كەلگىنىدە قىز ئاللىبۇرۇن تويىنى قىلىپ بولغان ئىكەن . يىگىت قىزدىن نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى ساقلىمىغانلىقىنى سورىغىنىدا ، قىز :
-  سىز كەتكەندىن كېيىن مەيلى قانچە كەچ بولسۇن ، سوغوق ياكى يامغۇر ياغسۇن، ھازىرقى يولدىشىم ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ ، مېنىڭ ئىشتىن چۈشىشىمنى ساقلايدۇ ……
يىگىت ھەيران بولۇپ :
- شۇنىڭ ئۈچۈنلا سىز  مېنىڭ شوپۇرۇمغا ياتلىق بولدىڭىز ؟!……
********************************************
ئالىملار قەيەرنىڭ ھارىقى ئەڭ كۈچلۈك بۇلىدىغىنى ھەققىدە ئىزدىنىپ ، بىر چاشقانغا روسىيەنىڭ ۋوتكىسىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرسا ، چاشقاندا ھىچقانداق ئىنكاس يوق …… گىرمانىيەنىڭ بىراندىسىنى ئۇرۇپتۇ ، يەنىلا ئىنكاس يوق ……ئاخىرى شىنجاڭ غۇلجىنىڭ « قەھرىماننىڭ جاسارىتى » نى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپتىكەن ، چاشقان ھاۋاغا ئىككى مۇش تۆت پەشۋا ئېتىپ :
- قېنى ما مۈشۈك دېگەن ھارامزادە !……
********************************************
پىسخىكا دوختۇرى : يېقىندىن بۇيان نېرۋام بەك چارچاپ كەتكەن ئوخشايدۇ ، دائىملا جىددىلىشىمەن ، پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ باقسام بولغۇدەك ……
دوستى : سەن بۇ كەسىپتە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگىنىغۇ ؟ باشقا دوختۇر ئىزدەپ نىمە قىلىسەن ؟
پىسخىكا دوكتۇرى : ئۇغۇ شۇ ، لېكىن مېنىڭ كېسەل كۆرۈش ھەققىم بەك قىممەت ……
********************************************
بىر يېزىنى كەلكۈن بېسىۋاپتۇ ، بۇ يېزىنىڭ چېركاۋسىدىكى پوپ « مېنى تەڭرىم ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ » دەپ ، چېركاۋنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋاپتۇ ، بىردەمدىن كېيىن ، كەلكۈندە بىر ياغاچ تاختىغا ئېسىلىۋالغان بالا كېلىپ ئۇنىڭغا :
- پوپ ، دەرھال مەن بىلەن كېتىڭ ، بولمىسا كەلكۈندە ھاياتىڭىزدىن ئايرىلىسىز .- دېسە ، ئۇ :
-ھىچقىسى يوق ئوغلۇم، مېنى تەڭرىم ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ .-دەپتۇ . بالا ئىلاجىسىز كېتىپتۇ . يەنە بىردەمدىن كېيىن ، قولۋاق ھەيدىۋالغان بىر قىزچاق كېلىپ ئۇنىڭغا :
-پوپ ، دەرھال قولۋاققا چىقىڭ ، بولمىسا ھاياتىڭىزدىن ئايرىلىسىز ! – دېسە ئۇ يەنە:
- ھىچقىسى يوق قىزىم ، مېنى تەڭرىم ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ .- دەپتۇ ، قىز ئىلاجىسىز قولۋاقنى ھەيدەپ كېتىپتۇ . يەنە بىردەمدىن كېيىن كاتىر ھەيدىۋالغان بىر يىگىت كېلىپ ئۇنىڭغا :
-پوپ ، دەرھال كاتىرغا چىقىڭ ، بولمىسا ھاياتىڭىزدىن ئايرىلىسىز ! -دېسە ، بۇ جاھىل پوپ يەنىلا :
-ھىچقىسى يوق ، مېنى تەڭرىم ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ . -دەپ ئۇنىمۇ كەتكۈزىۋېتىپتۇ . ئاخىرى بۇ پوپ كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلىپ تەڭرىنىڭ ئالدىغا بارغاندا ، تەڭرىدىن نېمىشقا ئۆزىنى قۇتقۇزىۋالمايدىغانلىقىغا ئاغرىنىپتۇ ، تەڭرىم ئۇنىڭغا :
- مەن سېنى قۇتقۇزغۇلى بىر ياغاچ تاختاي ، بىر قولۋاق ، بىر كاتىر ئەۋەتتىم ، ئەجىبا ساڭا بىر ئاۋىئاماتكا ئەۋەتسەم ئاندىن چىقامتىڭ !……
********************************************
ئا: ھەي ، ماروژناڭغا بىر تال چىۋىن چۈشۈپ قالدى .
ب: خوپ بوپتۇ ! توڭلاپ ئۆلسۈن ……
********************************************
ئايالى : ئېدىسون لامپۇچكىنى ناھايىتى توغرا كەشىپ قىلىپتىكەن .
ئېرى : قانداق دەيسەن ؟
ئايالى : ئەگەر لامپۇچكا كەشىپ قىلىنمىغان بولسا ، بىز ھازىر شامنىڭ يۇرىقىدا تېلىۋۇزۇر كۆرەتتۇق ……
********************************************
بىر ئايال ئېرىنىڭ ئۆزىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ماختاپ مۇنداق دەپتۇ :
- مېنىڭ ئېرىم مېنى ساراڭدەك ياخشى كۆرىدۇكى ، جۆيلىسىمۇ ماڭا شۇنداق تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ بېرىدۇ ، لېكىن شۇ ئىسمىمنى دائىملا خاتا چاقىرىپ قۇيىدۇ ……

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *