ھاياتنىڭ پىچىرلاشلىرى
سىز ﮬاياتنى ئۆزىڭىزنىڭ قارشىسىدىكى خاسىيەتلىك ئەينەك دەپ چۈشىنىڭ. سىز كۈلسىڭىز، ئۇمۇ سىزگە قاراپ كۈلىدۇ، سىز يىغلىسىڭىز، ئۇمۇ كۆز ياشلىرىنى تۆكىدۇ. ئەگەر سىز ئىشەنچىڭىزنى يوقاتسىڭىز، ئۇمۇ ئىشەنگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئۇنى تاردەك ﮬېس قىلسىڭىز، شەكسىزكى، ئۇ كۆز ئالدىڭىزدا تېخىمۇ تارلىشىپ كېتىدۇ؛ سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۈمىدكە، ﮬاياتىي كۈچكە تولۇپ تۇرغىنىڭىزنى ئىپادىلىيەلىسىڭىز، ﮬاياتمۇ سىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ؛ ناۋادا سىز ﮬاياتنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر يۈك دەپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭ غايەت زور يۈككە ئايلىنىپ، ئۆزىڭىزنى كاردىن چىقىرىۋاتقىنىنى ﮬېس قىلىسىز… ئىشقىلىپ، سىز ئۇنىڭدىن ئۆز ئەكسىڭىزنى كۆرەلەيدىغانلىقىڭىزدىن شەكلەنمەڭ.
ﮬايات-ئەسلىدىنلا مەۋجۇت نەرسە. بىزنىڭ تەۋەللۇت دەقىقىلىرىمىزدىن تارتىپ ئۇ بىز ئۈچۈن يېڭىۋاشتىن ئايرىۋاشلانغان بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، سىزنىڭ قەدەم ئىزلىرىڭىز ئۇنىڭغا چېكىلىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭدا سىزنىڭ «چىغىر يوللىرىڭىز» شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، سىزنىڭ ئۇنىڭ باغرىغا چەككەن، ئۇنىڭ باغرىدا ئاچقان يوللىرىڭىز قانداق يول بولسا، سىزنىڭ ماڭىدىغىنىڭىزمۇ شۇنداق يول بولىدۇ.
تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز